خىتاي - ئامېرىكا كېلەر ئاي دورا بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش كېلىشىمى تۈزەشنى قارار قىلدى

جوڭگۇ دۆلەتلىك يىمەك ‏- ئىچمەك ۋە دورا - دەرمەك باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى پەيشەنبە كۈنى، 12 ‏- ئايدا جوڭگۇ بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا دورا بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل ياز ئايلىرىدىن بۇيان، جوڭگۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت مەسىلىسى، دۇنيا مىقياسىدا پارتلاش خاراكتېرلىك كرىزىسقا ئۇچرىدى. ئامېرىكا كۆپ قېتىم خىتاي ماللىرىدا بولۇپمۇ بالىلار ئويۇنچۇقى، يىمەك ‏- ئىچمەك ماشىنا چاقى قاتارلىق ھەر خىل مەھسۇلاتلاردا ئۆلچەمسىز، سۈپەتسىز ۋە زەھەرلىك ماددىلار بايقالغانلىق سەۋەپلىك، يىغىۋېلىش شۇنىڭدەك خىتاي تەرەپكە قايتۇرۇۋېتىش چارىلىرىنى قوللاندى.

نۆۋەتتە ئامېرىكا - جوڭگۇ ئىككى تەرەپنىڭ يىمەك ‏- ئىچمەك، دورا - دەرمەك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش خادىملىرى ئورتاق يوسۇندا ئىمپورت ‏- ئېكسپورت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى كۈچەيتىش جەھەتتە بىرلىككە كېلىپ، 12 ‏- ئايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان 3 ‏- قېتىملىق ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق دىئالوگى مەزگىلىدە كېلىشىم تۈزەشنى قارار قىلدى.

خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار ئويۇنچۇقىدا ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق قوغۇشۇن ماددىسى بايقالغاندىن سىرت، زەھەرلىك دورا ۋە يىمەك ‏- ئىچمەكلەر شۇنىڭدەك چىش پاستىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكىسپورت قىلىنىشى نەتىجىسىدە زەھەرلىنىش ھەتتا ئۆلۈمنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ھادىسىلىرى يۈز بەرگەن ئىدى. شۇندىن ئېتىبارەن خەلقئارا سودا بازىرىدا كىشىلەردە خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا بىر خىل ئىشەنچىسىزلىك مەيدانغا كەلدى. (ئەقىدە)