ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ئۇستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇندى
2008.03.03
3- مارت دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئۇچۇر-ئىنفورماتسىيەلەرنى قاتتىق تىزگىنلەپ خىتايغا سودا ئۇچۇرى ساتىدىغان چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ سودا ئىشلىرىغا پايدىسىز مۇھىت شەكىللەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي ئۇستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇندى.
ب ب س نىڭ كۆرسىتىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا كومىسسارى پېتىر ماندېلسون بايانات ئېلان قىلىپ، رىقابەت كۈچىگە ئىگە، ئەركىن پۇل مۇئامىلە ساھەسىنىڭ، پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتىدىغان نېگىزلىك مەنبە ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ساھەدىكى چەكلەش سىياسىتى چەتئەللىك ئۇچۇر تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەلۇم بولۇشىچە، 18 ئاينىڭ ئالدىدا خىتاي پۇل- مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئۇچۇرغا ئائىت ئېلان قىلىنغان بەلگىلىمە، رويېتىرس، دوۋ جونېس شىركىتى ۋە بلۇمبېرگ قاتارلىق خىتايدىكى بانكا، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە باشقا خېرىدارلارغا ئىقتىسادى ئۇچۇر ساتىدىغان شىركەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە مۇخالىپ ئىكەن.
خىتاينىڭ بۇنداق چەكلەش خاراكتېرىدىكى بەلگىلىمىنى بېكىتىپ چىقىشى ئامېرىكا ۋە باشقا چەتئەللىك پۇل- مۇئامىلە ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەيدىغان شىركەتلەرنى ئىنتايىن پاسسىپ ۋە پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكا سودا ۋەكىلى سۇسەن شۋاب: " شۇڭا بىز مەزكۇر مەسىلىنى خىتاينىڭ ئالدىغا نەچچە رەت قويغان بولساقمۇ، بۇ تېخى ھازىرغىچە ھەل قىلىنمىدى" دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بىلەن دەۋاگەر تەرەپلەر: ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئارىسىدا 60 كۈنلۈك ئۆز-ئارا كېلىشىش مۆھلىتى بار بولۇپ، ئەگەر سۆھبەتلىشىپ ھەل قىلىش چارىسى نەتىجىسىز ئاياغلاشسا، بۇ مەسىلە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرۇلىدىكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كاندىلىزا رايىس خىتايدىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى قويۇپ بېرىشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى
- نيۇيورك شەھىرىدە خىتاينىڭ ساختا مال سودىسى بەربات بولماقتا
- خىتاي بىلەن ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئامېرىكىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇشقا چاقىردى
- ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى سۆھبەت ۋەكىلى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى
- خىتاي ئامېرىكىدا جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
- كاندىلىزا رايس خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ
- ئالەم بوشلۇقىدا ئىشلىتىدىغان قوراللارنى چەكلەش كېلىشىمى رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ دېپلوماتىك ھىيلىسى
- ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات باش نازارەتچىسى : ئامېرىكا خىتاي تەھدىتىدىن ئەندىشە قىلىدۇ
- ئامېرىكىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مەسىلىسى
- فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ شۋېتسىيىدە ئويۇن كۆرسىتىش پىلانى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى
- ئامېرىكا گېنېرالى خىتاي ھەربىي قوراللىرىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى









