خوڭكوڭ سودىگەرلىرى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا جېڭىنىڭ "قۇربانى بولۇش"تىن ئەنسىرەيدۇ
2007.08.15
ئامېرىكىدا 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خىتايدا ئىشلەنگەن ئويۇنچۇقلارنى يىغىۋېلىش ھەققىدە يەنە بىر قېتىم ئېلان چىقىرىلغاندىن كېيىن، خوڭكوڭ تىجارەتچىلەر بىرلەشمىسى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن سودا جېڭىدە، خوڭكوڭ سودىگەرلىرى "قۇربان قىلىنىش" تىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
خوڭكوڭ تىجارەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى، ئۆزىمۇ ئويۇنچۇق ئىشلەشكە مەبلەغ سالغان لى شيۇخېڭ ئەپەندىنىڭ مەركىزىي ئاگېنتلىقىغا بايان قىلىشىچە، خىتايدا ئامېرىكىغا ئويۇنچۇق ئېكىسپورت قىلىۋاتقان 80 شىركەت بار. ئامېرىكا تەرەپ يىغىۋېلىش ھەققىدە ئېلان چىقارغان 18 مىليون ئويۇنچۇق ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ماگنىت ۋە سىر تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددا ئۆلچەمدىن يۇقىرى.
چوڭ قۇرۇقلۇقتا خوڭكوڭ سودىگەرلىرىدىن ئالدى بىلەن ئىمپورت قىلىنىدىغان ماتېرىياللار ئۈچۈن نەق پۇل تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى. ھازىرقى سودا جېڭىدە، ھېسابات يەنە خوڭكوڭ سودىگەرلىرىنىڭ زىيىنىغا بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خوڭكوڭ سودىگەرلىرى ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا جېڭىنىڭ مۇرەسسە بىلەن ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتى خىتايدىن نەشىر ھوقۇقىنى قوغداشتا جىددى تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلدى
- ئامېرىكا ب د ت دىن، تەيۋەن خىتاينىڭ بىر قىسىمى دېگەن باياناتىنى تۈزۈتىشىنى تەلەپ قىلماقتا
- پېرۇ خىتايدا ياسالغان 60 توننا ئويۇنچۇقتا زەھەرلىك ماددا بايقىغان
- بۇش ھۆكۈمىتى دۆلەت مەجلىسىنىڭ خەلق پۇلى مەسىلىسىدە خىتاينى چەكلەش قانۇنى چىقىرىشىنى قوللىمىدى
- رۇسىيە خىتاي بىلەن ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاشنى رەت قىلغان
- خىتاي- فرانسىيە يادرو كېلىشىمى كېچىكتۈرۈلدى
- ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پائۇلسون خىتاينى زىيارەت قىلدى
- ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىر كومىتېتى خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىگە قارشى قانۇن لايىھىسى ماقۇللىدى