خىتاي بىلەن ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى


2008.02.26

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو ‏- تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، يېقىنقى كۈنلەردە بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جىېچى كۆرۈشۈش جەريانىدا،ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۆت يىلدىن بۇيان ئۈزۈلۈپ قالغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە سۆھبەتتە بولغان. خىتاي بىلەن ئامېرىكا 1990- يىلىدىن باشلاپ كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى قەرەلسىز ئېلىپ بېرىشقا پۈتۈشكەن ئىدى.

ئەمما جورج بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ 2002 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى خىتايغا كىرگۈزۈلمىگەنلىكى سەۋەبلىك خىتاينى ئەيىبلىشى بىلەن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتتە ئىختىلاپ پەيدا بولغان ۋە خىتاي 2004 - يىلى ئامېرىكا بىلەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى ئۈزدى.

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىشىچە، گەرچە كاندىلىزا رايىسنىڭ بۇ قېتىم بېيجىڭدىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى، شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىدە، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتۇۋاتقان خىتاينى شىمالىي كورىيىگە بېسىم ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ياڭ جىېچى بىلەن سۆھبەت جەريانىدا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىشىنى قوللىماسلىق مەيدانىنى قايتا تەكىتلىگەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، بۇش ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ھەرىكەتلىرىگە قارىتا، جىددىي تەنقىدىي پوزىتسىيە تۇتماي كېلىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شىمالىي كورىيە ھەمدە ئىران مەسىلىلىرىدە ۋە تېررورچىلىققا قارشى ھەرىكەتلىرىدە خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ كەلمەكتە. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.