ئامېرىكا ، خىتاينى بېرما مەسىلىسىدە جىددىي بولۇشقا يەنە بىر رەت چاقىردى


2007.10.02

ئالدىنقى ھەپتە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرلەشمە چاقىرىق چىقىرىپ خىتاي بىلەن ھىندىستاننى بېرما مەسىلىسىدە ئاكتىپ رول ئېلىشقا چاقىرغان ئامېرىكا دۈشەنبە كۈنى بۇ چاقىرىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.

ئامېرىكا، بېرمىدا ۋەزىيەت جىددىيلەشكەندىن بۇيان، مەسىلىگە ئەڭ جىددى قاراپ كېلىۋاتقان بىر دۆلەت. ئامېرىكا ئالدىنقى ھەپتە، بېرمىدىكى نامايىشنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرىۋاتقان بېرما ھۆكۈمىتىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىش بىلەن بىللە، بېرمانىڭ 14 نەپەر يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ئامېرىكىدىكى بانكا ھېساۋاتىنى توڭلاتقان ۋە بېرمىدا ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى سادىر قىلغانلار قاتارىدا سانالغان 30 كىشىگە ۋىزا بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ دۈشەنبە كۈنى تارقاتقان كۇندىلىك ئاخباراتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ياردەمچى باياناتچىسى توم كايسىي، 1 ‏- ئوكتەبىر كۈنىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېرما ھۆكۈمىتىگە ئېغىرراق تەدبىر قوللۇنۇش ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇ ئىشنىڭ يالغۇز ئامېرىكا تىرىشچانلىقى بىلەن ئەمەس كۆپ دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ھەل بولىدىغانلىقىنى؛ ئامېرىكىغا قارىغاندا، بېرمىغا قوشنا ئەللەرنىڭ بېرما ۋەزىيىتىنىڭ ئوڭشۇلۇشىدا تېخىمۇ ئەۋزەل شاراىتلارغا ئىگە ئىكەنلىگىنى بىلدۈرۈپ. خىتاي بىلەن ھىندىستاننى، بۇ ئىشتا جىددىي بولۇشقا يەنە بىر رەت چاقىردى.

كاسىي سۆزىدە ، نۆۋەتتە، بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنى نامايىشچىلارنى باستۇرۇشنتىن توختۇتۇش ۋە سىىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرلاشنىڭ مۇھىملىقى ۋە جىددىيلىقىنى تەكىتلىدى.

خەلقرا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ، دۈشەنبە كۈنى، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنى، بېرمىغا قورال-ياراق ئىمبارگوسى يولغا قويۇشقا؛ بېرمىنى قورال-ياراق بىلەن ئاساسلىق تەمىنلەۋاتقان خىتاينىمۇ بېرمىغا بېرىپ كېلىۋاتقان ئەسكىرىي ياردىمىنى توختۇتۇشقا چاقىردى.

بېرمىغا قورال ياراق سېتىپ بېرىۋاتقان دولەتلەر قاتارىدا، خىتايدىن باشقا روسىيە، سىرىبىستان،ۋە بىر قىسىم شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى بولۇپ، ئاساسلىق تەمىنلىگۇچىسى خىتايدۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا، 1988 ۋە 1993 ‏- يىلدىن بېرى بېرمىغا ئىمبارگو قويۇپ، ئۇنىڭغا ئەسكىرىي ئەسلىھەلەرنى سېتىپ بېرىشنى توختاتقان ئىدى. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.