جۈمە كۈنى فرانسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى پاسكال كلىمىنت، فرانسىيىنىڭ خىتاي بىلەن ئۆز-ئارا جىنايەتچىلەرنى تاپشۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالاش ئۈچۈن تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان پاسكال كىلىمىنتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ۋە فرانسىيە كېلىشىمنىڭ قايسى مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا كېلىشىپ بولغان. لېكىن كېلىشىمنىڭ قايسى كۈن ئىمزالىنىدىغانلىقى تېخى ئېنىق مەلۇم ئەمەس.
فرانسىيە ئەدلىيە مىنىستىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فرانسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىمزالىنىدىغان كېلىشىم بەزى سەزگۈر مەسىلىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بىلەن فرانسىيە ئەدلىيە مەسىلىسىدە بۇرۇندىن بېرى ھەمكارلىشىۋاتقان بولۇپ، فرانسىيە خىتاي ئادۋوكاتلىرىنى تەربىيىلىگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، فرانسىيىدە تەربىيىلەنگەن خىتاي ئادۋوكاتلىرىنىڭ سانى 60 غا يېتىدىكەن.
ئەگەر خىتاي بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆز - ئارا جىنايەتچىلەرنى تاپشۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالانسا، فرانسىيە، ئىسپانىيىدىن كېيىن، خىتاي بىلەن بۇنداق بىر كېلىشىم ئىمزالىغان ئىككىنچى غەرب دۆلىتى بولىدىكەن. 2006- يىلى ئاپرىل ئېيىدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى خىتاي بىلەن ئىسپانىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمنى ماقۇللىغان ئىدى. (قانات)