خىتاينىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى جايلاشقان مېھمانخانىدا پارتلاش يۈز بەردى
25- ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى جايلاشقان مەنسۇر مېھمانخانىسىدا ئۆزىنى ئولتۇرۇۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، پارتلاشتا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 10 ئادەم ئۆلگەن ۋە 15 ئادەم يارىلانغان.
ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا 6 نەپەر قەبىلە باشلىقى بار بولۇپ، ئەمما خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى زەخمىگە ئۇچرىمىغان.
ئىراق ساقچى تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بومبا پارتلىغان پەيتتە، ئىراقنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئەمبەر ئۆلكىسىدىن بولغان سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئاقساقىلى مېھمانخانىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە مەجلىس ئېچىۋاتقان ئىكەن.
BBC نىڭ 25- ئىيۇندىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەتىگەن سائەت 11 لەر ئەتراپىدا نامەلۇم بىر ياش مېھمانخانىغا كىرىپ كۈتىۋېلىش مۇنبىرىگە يېقىن كەلگەندە بەدىنىگە تېڭىلغان بومبىنىڭ پىلتىسىنى تارتقان. (جۈمە)
©
2007 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىراقتا 11 نەپەر ئامېرىكا ھەربىي خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى
- ئىراق ۋە ئافغانىستانلاردا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا
- پرېزىدېنت بۇش :رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنى ئەمەس
- ئەنگىلىيە ئارمىيە رەھبەرلىرى ئەنگلىيىنىڭ ئىراقتىكى ئەنگىلىيە ھەربىي قىسىملىرىنى چىكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىماقچى
- خىتاي نېمە ئۈچۈن بۇ يېغىنغا قاتناشتى؟
- ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى باشلاش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى
- ئىراقتا ئىنسانپەرۋەلىك كىرىزىسى ئېغىرلاشماقتا
- ئىراقتا يۈز بەرگەن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىدە 40 تىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى