25- ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى جايلاشقان مەنسۇر مېھمانخانىسىدا ئۆزىنى ئولتۇرۇۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، پارتلاشتا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 10 ئادەم ئۆلگەن ۋە 15 ئادەم يارىلانغان.
ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا 6 نەپەر قەبىلە باشلىقى بار بولۇپ، ئەمما خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى زەخمىگە ئۇچرىمىغان.
ئىراق ساقچى تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بومبا پارتلىغان پەيتتە، ئىراقنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئەمبەر ئۆلكىسىدىن بولغان سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئاقساقىلى مېھمانخانىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە مەجلىس ئېچىۋاتقان ئىكەن.
BBC نىڭ 25- ئىيۇندىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەتىگەن سائەت 11 لەر ئەتراپىدا نامەلۇم بىر ياش مېھمانخانىغا كىرىپ كۈتىۋېلىش مۇنبىرىگە يېقىن كەلگەندە بەدىنىگە تېڭىلغان بومبىنىڭ پىلتىسىنى تارتقان. (جۈمە)