ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىلىباند خىتاينى لۈكچەك دۆلەتلەر بىلەن ھەمتاۋاق بولماسلىققا چاقىردى
2008.02.29
ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىلىباند جۈمە كۈنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچىلارغا سۆز قىلىپ، خىتاينى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىر قاتاردا سۇدان ۋە بېرمىغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقان "ئارىسالدا" دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.
مىلىباند، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نۇتۇقىدا باشقۇرۇلۇشى ناچار دۆلەتلەردىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ توقۇنۇش ياكى قالايمىقانچىلىققا ئايلىنىش ۋە قوشنا ئەللەرگە كېڭىيىشىنى توساش ھەر بىر دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ دۆلەتلەر خەلقئارا جەمئىيەتكە ئىشەنمىسە بېسىم ئىشلىتىش زۆرۈر بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بېرما مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا "بېرما خىتاينىڭ قوشنىسى، بۇ سىلەرگە ناھايىتى چۈشىنىشلىك"دەپ تەكىتلىگەن مىلىباند، بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنى " ۋەھشى" دەپ تەنقىدلىدى شۇنداقلا بېرما ئۆكتىچى رەھبىرى ئاڭسەن سۇچىيىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. مىلىباند، "ئارىسالدا" دۆلەتلەرنىڭ بەزى چاغلاردا ئۆزىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشقا كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى ياكى ھەل قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ئەھۋالدا ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەر بىرلىكتە ئارىلىشىشقا تەييار تۇرۇشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، ئەگەر خىتاي دۇنيادا ئۆزىنىڭ " مەسئۇلىيەتچان" بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسە، بۇ ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى دۆلەتلەردە خىتايغا قارشى سودا بېكىنمىچىلىك خاھىشىنى پەسەيتىشكە پايدىسى تېگىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە، ئەگەر بىزنىڭ خەلقىمىز خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان دۇنياۋى تەسىرىنى يەر شارىدىكى ئورتاق مەنپەئەتكە بولۇپمۇ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى، شىمالىي كورىيىنى يادروسىزلاشتۇرۇش، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش قاتارلىقلارغا سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسە، ئۇلار خىتايغا ئۆز بازىرىنى ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرىلىگەن ھالدا قوللايدۇ، دېدى. مىلىباند، ئەگەر خىتاي بېرما مەسىلىسىگە ئارىلاشسا بۇ بېرمىنىڭ دېموكراتىيىلىشىش مۇساپىسىگە ياردەمچى بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پرېزىدېنت بۇش بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر خىتايدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمايدۇ
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئامېرىكىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇشقا چاقىردى
- خىتاي بېيجىڭ خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى
- گوللاندىيە پارلامېنتىدىكى خرىستىئانلار بىرلەشمىسى ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- خىتاي ھوللىۋۇد رېژىسسورىنىڭ ئولىمپىكقا قاتنىشىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇردى
- خوللىۋۇتنىڭ فىلىم دىرېكتورى سپىلبېرگ ئەپەندى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن چېكىندى
- ئەنگىلىيە ئولىمپىك جەمئىيىتى ئۆز تەنھەرىكەتچىلىرىگە ئولىمپىكتا سىياسى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويماسلىق تەكلىپى بەرگەن
- نوبېل مۇكاپاتى ساھىپلىرى خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋغا خەت يازدى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇشنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- جەنۇبىي ئاستانە گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى قويۇۋېتىلدى