خىتاي دۇنيا بويىچە ئېنىرگىيە سەرپىياتى ئەڭ چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىدۇ

خەلقئارا ئېنىرگىيە ئاگېنتلىقى تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، 2010 ‏- يىلىغىچە، جوڭگۇنىڭ دۇنيا بويىچە ئېنىرگىيە سەرپىياتى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خەلقئارا ئېنىرگىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ دوكلاتىدا يەنە، جوڭگۇنىڭ ئېنىرگىيە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئامېرىكىدىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، ئېنىرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، جوڭگۇ دۇنيا بويىچە مۇھىتنى ئەڭ كۆپ بۇلغايدىغان دۆلەتكە ئايلىنىدىكەن. جوڭگۇ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يۈكسىلىشى نەتىجىسىدە، مەزكۈر دۆلەتنىڭ تەبىئى ئېنىرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىمۇ كۈندىن - كۈنگە ئاشماقتا شۇڭا جوڭگۇ ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن مېنرال يېقىلغۇ تەلەپ قىلماقتا.

خەلقئارا ئېنىرگىيە ئاگېنتلىقىنىڭ دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئېنىرگىيىگە بولغان ئېھتىياجى، ئۇنىڭ دۇنيا ھاۋا كىلىماتىغا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان دۆلەتكە ئايلىنىشىغا يول ئاچىدىغانلىقى قايتا - قايتا تەكىتلەنگەن.

جوڭگۇ دائىرىلىرى مۇھىتنى ئۆزگەرتىش چارىلىرىنى ئىشقا سېلىش تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ، ئالدى بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى گۈللەندۈرۈشنى تەرغىپ قىلىپ كەلمەكتە.

غەرىپ ئەللىرىنىڭ خىتايغا قاراتقان ئېنىرگىيە سەرپىياتىنى ئازايتىش ھەققىدىكى تەنقىدى، خىتايغا ھىچقانداق تەسىر كۆرسەتمىگەن بولۇپ، خىتاي بۇ جەھەتتە ئۆزىنى پەقەت غەرىپ ئەللىرىدىكى ئىستىمالچىلار ئۈچۈن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىۋاتقان دۆلەت دەپ ئاقلاپ كەلمەكتە. (ئەقىدە)