24 - ئۆكتەبىر كۈنى ياۋرۇپا بىرلىكى خىتاي بىلەن بولغان تىجارىتىدىكى يېڭى سىياسەت خاراكتېرلىك ھۆججىتىنى ئېلان قىلىپ ، خىتاينى بىكىنىۋىلىشتىن ساقلىنىپ بازارلىرىنى چەتئەل مەبلىقىگە ئېچىۋىتىشكە چاقىردى.
ھۆججەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە ،ياۋرۇپا بىرلىكى كومىتېتى خىتاي ماللىرىنىڭ ياۋرۇپا بازارلىرىدىكى پاخاللىشىش ھالىتىنى ئۆزگەرتىشىگە ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
بۇلتۇر ياۋرۇپانىڭ سودا بالانىس پەرقى 125 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ، كۆپلىگەن ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى قوغداشقا مەجبۇر بولغان. ھۆججەتتە خىتاينىڭ چەتئەل شىركەتلىرىگە قارىتىلغان توسالغۇ خاراكتېرىدىكى بەلگىلىمىلىرىنى ئازايتىپ ، ئۆزىنىڭ ئەمگەك ۋە مۇھىت قوغداش تەدبىرلىرىنى كۆچەيتىشى لازىملىقى تەكىتلەنگەن. ھۆججەتتە يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن " ئەگەر بۇ خىل مەسىلىلەر ھەل قىلىنمايدىكەن ، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ ئىچكىي قىسمىدا خىتاي ماللىرىغا بازارنى ئېچىۋىتىشكە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت سىياسىي بېسىم تېخىمۇ كۆچىيىشى مۇمكىن ". ياۋرۇپا بىرلىكى ھۆججەتنىڭ دۇنيا مۇھىتى ۋە ئېكولوگىيىسى ھەققىدە توختالغان قىسمىدا نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا جىددىي مۇھتاج بولۇۋاتقان خىتاينىڭ دۇنيا ئېنىرگىيە بازىرىدا ئاكتىپ ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇشتەك رول ئوينىشى كېرەكلىكى ئالاھىدە بىلدۈرۈلگەن. (مېھرىبان)