ياۋروپا بىرلەشمىسى سانائەت كومىسسارى Guenter Verheugen خىتاينى ياۋروپا سودا شىركەتلەرنىڭ ئاسىيا بازارلىرىغا مال ئېكسپورت قىلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولغان تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا بىر سودا سىستېمىسى تۇرغۇزۇپ چىقىشقا قىستىدى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "ياۋروپادىكى شىركەتلەرنىڭ فۇنكسىيىسى ناھايىتى ساغلام، ئوچۇق- ئاشكارا. ياۋروپا ماللىرى خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، خىتايدىكى بەزى مۇرەككەپ رەسمىيەتلەر سەۋەبى بىلەن پايدىسى كۆپ بولمىدى. لېكىن خىتاينىڭ ئېكىسپورت ماللىرى يەنىلا ياۋروپادا پايدا ئېلىۋاتىدۇ".
ئۇ يەنە، خىتايدىكى بۇ خىل تۈزۈمنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنى، شۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ سودا جەھەتتە تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇپ، ساغلام بولغان مەبلەغ سېلىشقا مۇھىت ھازىرلىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە خىتاينى ئەقىلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىرغان. (جۈمە)