خىتاي، فىلىپپىن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنماقتا


2005.04.26

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ فىلىپپىن بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، سەيشەنبە كۈنى كەچتە مانىلاغا يىتىپ كېلىپ، فىلىپپىنغا قىلىدىغان ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇ جىنتاۋ زىيارىتى جەريانىدا، فىلىپپىن پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ ھەمدە پرېزىدېنت ئاررويو بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بىر مىليارد يۈز مىليون دوللارلىق سودا كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.

فىلىپپىن دائىرىلىرى، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مەسىلىسىنىڭ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئاساسلىق مۇزاكىرە تېمىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي فىلىپپىننىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى بەشىنچى چوڭ سودا شىرىكى بولۇپ، فىلىپپىنگە مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتمەكتە ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىككى دۆلەتنىڭ گەرچە جەنۇبىي جوڭگو دېڭىزىدىكى سىپارتلى تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسىدە تېررىتورىيە ئىختىلاپى بولسىمۇ، بىراق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ سىياسىي ۋە دۆلەت مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى تېز تەرەققى قىلدۇرغان. بۇ يىل مارتتا، خىتاي تۈنجى قېتىم فىلىپپىنگە ھەربىي ياردەم ھىسابىدا ئىئانە بەرگەن. فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارلىرىمۇ، خىتاي بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوفىتسېرلىرىنى خىتايغا ئەۋەتىپ تەربىيىلەشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ فىلىپپىننى زىيارەت قىلىشنىڭ ھارپىسىدا، بەش نەپەر فىلىپپىنلىق فالۈنگۇڭ مۇرىتى ئۇ چۈشمەكچى بولغان مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ فالۈنگۇڭ مۇرىتلىرىغا قىلغان زىيانكەشلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.