خىتاي- فرانسىيە يادرو كېلىشىمى كېچىكتۈرۈلدى
2007.07.30
31- ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى ئىمزا قويۇلۇش پىلانلانغان، فرانسىيە يادرو رېئاكتور قۇرۇلۇش شىركىتى ئارېۋا گۇرۇھى( Areva) خىتايغا ئىككى دانە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇپ بېرىشى بېكىتىلگەن خىتاي-فرانسىيە يادرو كېلىشىمى كېچىكتۈرۈلدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 30- ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، كېلىشىمنى ئىمزالاش ئىشلىرى كېچىكتۈرۈلگەن بولسىمۇ، مەلۇم بولۇشىچە، كېلىشىم پرىنسىپلىرى ۋە مەزمۇنىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىشلەر بولمىغان.
فرانسىيە يادور قۇرۇلۇش شىركىتى، " تېخنىكىلىق ۋە ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى سەۋەبلىك، 31- ئىيۇل كۈنى بېكىتىلگەن ئىمزا ھاسىل قىلىش كۈنى كېچىكتۈرۈلدى" دەپ بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە كوپ توختىلىشنى خالىمىغان.
ئەسلى پىلان بۇيىچە، فرانسىيە ئىقتىساد مىنىستىرى كىرىستىن لاگاردﯤ سەيشەنبە كۈنى خىتاي پايتەختى بېيجىڭغا بېرىپ خىتايغا قۇرۇش پىلانلانغان ياۋروپانىڭ 3 - ئەۋلاد بېسىمى ئاشۇرۇلغان رېئاكتورى(EPR) كېلىشىمىنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشماقچى ئىدى.
بۇ 8 مىليارد دوللارلىق يادرو كېلىشىمى، فرانسىيە ئارېۋا يادرو گۇرۇھى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كېلىشىم بولۇپ، كېلىشىم ئارېۋا گۇرۇھى بىلەن خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ يادرو ئېنېرگىيە ئېلېكتىر شىركىتى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلماقچى ئىدى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ب د ت نىڭ يادرو قوراللىرىنى تەكشۇرۇش گۇرۇپپىسى 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى شىمالىي كورىيىگە بارىدۇ
- فرانسىيە ئېنگىس شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىدە شىركەت قۇردى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ پۇل سىياسىتى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
- 6 دۆلەت بېرلىندا ئىران يادرو مەسىلىسى مۇزاكىرىسىنى باشلىۋەتتى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى، خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
- ئىراننىڭ ھەربىي ھۇجۇمغا ئۇچراش ياكى ئۇچرىماسلىقىنىڭ ئالامەتلىرى
- شىمالىي كورىيە ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى پىلانىغا ياردەملەشمەكتە
- خىتاي فرانسىيە بىلەن ئەدلىيە ساھەسىدە كېلىشىم ئىمزالىدى
- فرانسىيە خىتاي ساياھەتچىلىرى قوللانمىسىدا سىياسىي تۈس ئالغان مەسىلىلەرنى تەكىتلىمەسلىكنى تەلەپ قىلدى