چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ساركوزىدىن خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى
2007.11.23
مەركىزى پارىژدىكى مۇخبىرلار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى - چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، نويابىر كۈنى خىتاي زىيارىتىنى باشلايدىغان فرانسىيە پرېزىدېنتى نوكولاس ساركوزىدىن خىتاي سەپىرىدە بېيجىڭ رەھبەرلىرىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش، بولۇپمۇ خىتاي تۈرمىسىدىكى 83 نەپەر مۇخبىر ۋە ئىنتېرنېت يازغۇچىسىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشنى تەلەپ قىلدى.
لېكىن بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ساركوزىنىڭ زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى فرانسىيە رەھبىرىنىڭ كۈن تەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالماسلىقى مۇمكىن. گەرچە فرانسىيىلىك ئەمەلدارلار ساركوزىنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە باش مىنىستىر ۋېن جياباۋلار بىلەن كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن مۇزاكىرە كۈن تەرتىپىدىكى تېمىلارنىڭ مۇھىت، سودا مۇناسىۋەتلەر، ئافرىقا مەسىلىسى، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى رولى ۋە ئىككى دۆلەت كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بولسا فرانسىيە كىشىلىك ھوقۇقى مىنىستىرى راما يادېنىڭ فرانسىيە زىيارەت ئۆمىكىدىن ئورۇن ئالمىغانلىقىنى، لېكىن ساركوزى ئۆتكەن قېتىم ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا راما يادېنىڭ زىيارەت ئۆمىكىگە قېتىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
فرانسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ساركوزى خىتاي سەپىرىدە بېيجىڭ رەھبەرلىرىنى " دوللار بىلەن خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئادىل تەڭشەشكە" قىستىشى مۇمكىن. ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا ، ساركوزى يەكشەنبە كۈنى ئالدى بىلەن خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىگە چۈشۈپ، بۇ يەردە "بىڭمايۇڭ"نى زىيارەت قىلىدۇ. ئاندىن شۇ كۈنى بېيجىڭغا بېرىپ، خۇ جىنتاۋ بىلەن كەچلىك تاماق يەيدىكەن. خۇ بىلەن ساركوزىي دۈشەنبە كۈنى رەسمىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بېيجىڭدىكى ھاۋا بۇلغىنىشى بىر قىسىم تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشى مۇمكىن
- ئامېرىكا پارلامىنت ئەزالىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۈچۈن ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ھەققىدە تەكلىپ سۇندى
- خەلقئارادا بېيجىڭنىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشىگە قارشى ھەرىكەتلەر كۈچەيمەكتە
- خىتاي- فرانسىيە يادرو كېلىشىمى كېچىكتۈرۈلدى
- كىنو چولپىنى جورج كلۇنىي خىتاينى دارفۇر مەسىلىسىدە ھەرىكەت قوللىنىشقا قىستىدى
- ستېۋېن سپېلبېرگ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىدىن ئىستىپا بېرىشى مۇمكىن
- دارفۇر مەسىلىسى مۇھاكىمىسىدە ئەمەلىي ئىلگىرىلەش بولمىدى
- خىتاي سۇدانغا ئىقتىسادىي جازا يولغا قويماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
- ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى(FBI ) ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتە بېيجىڭ دائىرىلىرىگە ياردەملەشمەكچى