ئانگېلا ماركېل خىتاي باش مىنىستىرى بىلەن ئىران ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى


2006.05.22

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا ماركېل خىتايدا ئېلىپ بارغان تۇنجى زىيارىتىدە دۈشەنبە كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن ئىران يادرو پىلانى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق غەرب ئەللىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا پىكىر بىرلىكى بولمىغان مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي - گېرمانىيە ئىقتىساد ، سودا ئالاقىسىنى راۋاجلاندۇرۇش ئانگېلا ماركېلنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي سەپىرىدە يەتمەكچى بولغان مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرى. خىتاي بىلەن گېرمانىيىنىڭ 2005 - يىلدىكى سودا ھەجىمى 63 مىليارد دوللارغا يەتكەن.

ماركېلنىڭ مۇخبىرلارغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇ خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن ئىران يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولماسلىقى كېرەك، دېگەن مەسىلىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان. لېكىن ئۇ، ئىراننى يادرو قوراللارغا ئىگە بولۇشتىن قانداق ۋاز كەچتۈرۈش مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ئورتاق چۈشەنچە ھاسىل قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.

ماركېل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قويغان قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشقا قارشى تۇرغان ئىدى. ئۇ، ۋېن جياباۋ بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ماركېل، " مەن ۋېن جياباۋغا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېنىق يەتكۈزدۇم " دەيدۇ.

ماركېلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە خىتاي بىلەن گېرمانىيىنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلغان. ئانگېل ماركېلنىڭ 4 كۈن داۋاملىشىدىغان خىتاي زىيارىتى يەكشەنبە كۈنى باشلاندى. ئۇ بۇ جەرياندا شاڭخەينى زىيارەت قىلىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.