خىتاي بىلەن گېرمانىيە سوغۇقچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى


2008.01.22

خىتاي بىلەن گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى ۋە ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو ‏- تېلىۋېزىيىلىرىنىڭ تارقاتقان خەۋەر ئانالىزلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ‏- گېرمانىيە ئىككى تەرەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ، ئىككى ئايدىن ئۇزۇن داۋام قىلغان سوغۇق مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، 22‏- يانۋار خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جىېچې گېرمانىيىگە يېتىپ كەلگەن.

گەرچە ياڭ جىېچى بۇ قېتىم بېرلىنغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ قالغان بەش ئەزاسى بىلەن ئېران يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆھبەت ئۈچۈن بارغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ زىيارىتى داۋامىدا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى يۇمشىتىش ئۈچۈن سۆھبەتتە بولىدىغانلىقىمۇ پىلانغا ئېلىنغانلىقى تەكىتلەنمەكتە.

ئۆتكەن يىلى 9‏- ئايدا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مېركېلنىڭ دالاي لامانى كۈتۈۋېلىشى بىلەن باشلانغان گېرمانىيە ‏- خىتاي دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى سوغۇقچىلىق، ئىككى تەرەپ دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا ساھەلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇندىن باشلاپ ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر قانچە قېتىملىق سۆھبەتلەرنىمۇ بىكار قىلغان .

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، گېرمانىيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىككى ئاي ئىلگىرى يەنى 2007‏- يىلى 11‏-ئايدا ۋاشىنگتوندا مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ ،ئىكى دۆلەت ئۆز ئارا ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق شەرتى بىلەن ھەر ساھەدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەققىدە كېلىشكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە ، خىتاي بىلەن گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مەزگىللىك توڭلىشى بەزى سودا ساھەسىدىكىلەرنى خاتىرجەمسىز قىلغان بولسىمۇ ، گېرمانىيە ئاخبارات ساھەسى ھەمدە ئامما ئارىسىدا گېرمانىيىنىڭ ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيىسىدە يەنىلا كىشىلىك ھوقۇقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقى ئالقىشقا ئېرىشىپ مەدھىيىلەنگەن. تەيۋەن بىرلەشمە ئاخباراتىنىڭ خەۋىرىدە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار ئەمەلدارلىرىنىڭ تەكىتلىگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گېرمانىيە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇشتا ، خىتاينىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىنى قوللىسىمۇ ، يەنىلا ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەنقىد قىلماسلىق ھەققىدە خىتايغا ۋەدە بەرمىگەن .

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.