دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ سەمىگە سالدى
2007.08.24
مەركىزى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر ئورگان كېلەر ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلىدىغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجېلا ماركېلغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.
خەتتە، گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇۋېتىش، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كەڭ-كۆلەملىك يولغا قويۇلىۋاتقان ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىنى تاقاش ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈشنى توختىتىش توغرىسىدا بېسىش ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلدى. خەتتە مۇنداق دەيدۇ، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيلىشىش جەريانى، مەدەنىيىتى، دىنىي ۋە مەۋجۈتلىقىغا تەھدىت سالماقتا."
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندا كىشىلەرنى باستۇرۇش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى، سىياسى مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۆكتىچىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتى پاكىتسىز تۈرمىگە تاشلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى ئوغلىنى قويۇپ بېرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. خەتتە، ماركېلنىڭ رۇسىيە سەپىرىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، "رۇسىيىدە توغرا بولغان نەرسە، خىتايدا خاتا بولمايدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.
گېرمانىيىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى ۋولكېر ستانزېلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئانگېلا ماركېل بۇ سەپىرىدە خىتاينىڭ گۇاڭجۇ، نەنجىڭ ۋە چېڭدۇ شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ، شەھەرلەردە بىر قاتار مەدىنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىكەن. ( ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 8 دۆلەت يىغىنىدىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلدى
- گېرمانىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ "لاۋگەي" تۈزۈمىنى ئەيىبلەيدىغان قارار لاھىيىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
- گېرمانىيىدە ماركېل باش مىنىستىر بولدى
- گېرمانىيىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى
- گېرمانىيە باش مىنىستىرى شرويدېر خىتايدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى
- گېرمانىيىدىكى تەشكىلاتلار، شرېدۆرنى خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا ئۈندىدى
- گېرمانىيە خىتاينىڭ غەربىي رايونلىرىدا ئەيدىز ۋىروسىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىشلىرىغا ياردەم قىلدى