گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گېرمانىيە بىلەن بۇ يىل 12 - ئايدا ئۆتكۈزمەكچى بولغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى بىكار قىلغان. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى بىكار قىلىش سەۋەبىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن گېرمانىيە "ئەينەك" ھەپتىلىك ژۇرنىلى خىتاينىڭ ھەرىكىتى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ ئۆتكەن ئاي تىبەت روھانىي داھىسى دالاي لامانى باش مىنىستىرلىق سارىيىدا كۈتۈۋالغانلىقىدىن ئۆچ ئېلىشنى مەقسەت قىلغان، دەپ يازدى.
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى گېرمانىيە تەرەپكە ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى سۆھبەتنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان گېرمانىيە - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە، گېرمانىيە خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشقا ئۈندەپ كەلمەكتە ئىدى. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جۇلىيە گروسس، "بىز خىتاينىڭ سۆھبەتنى بىكار قىلغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. بۇ بىزنى ئەپسۇسلاندۇرغان 2 - ۋەقە، بۇنىڭدىن بۇرۇن' قانۇننىڭ رولى' توغرىسىدىكى سۆھبەتنى بىكار قىلغان ئىدى " دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي بىلەن گېرمانىيە ئۆتكەن ئاي 'قانۇننىڭ رولى' دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى بولغان بولسىمۇ ،لېكىن خىتاي دائىرىلىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلغانلىقىدىن نارازى بولۇپ بۇ يىغىننى بىكار قىلغان. ' ئەينەك " ھەپتىلىك ژۇرنىلى بىر خىتاي دىپلوماتىك ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئانگېلا مېركېل بۇ يىل 8 - ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلغاندا دالاي لاما بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان " دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)