ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى روبرت گېتس، شەنبە كۈنى سىڭگاپۇردا ئېچىلغان، ئاسىيا بىخەتەرلىك يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، خەلقئارا جامائەتنى ئافغانىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىران مەسىلسىدە تېخىمۇ يېقىن ھەمكارلىققا چاقىرىپ، خىتاينىڭ كۈنسىرى ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرشىدىن قايغۇرغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە، ئىراق مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختۇلۇپ، ئىراقتىكى قالايمىقانچىلىق دۇنيادىكى ئەسەبىي كۈچلەرنى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرۈشى مۇمكىن دەپ، ئاگاھلاندۇردى.
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى گېتس يېغىندىكى سۆزىدە،"بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتنىڭ يىللىق دوكلاتىدا خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەردىن ئەندىشلەندۇق. لېكىن شۇنداقتىمۇ خىتاي بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قاراشقا بولىدۇ" دېگەن.
يېقىندا ئامېرىكا مۇداپىئە مىنستىرلىقى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ھەققىدە ئېلان قىلنغان دوكلاتتا، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈنسىرى ئاشۇرىشىنڭ نۇرغۇن كىشىلەرنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلنغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنستىرلىقىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىنى، دۇنياغا خىتاينى بىر تەھدىت دەپ كۆرسىتىش ۋە قوراللىنىش ئۈچۈن باھانە يارىتىشنى مەقسەت قىلغان دەپ قاتتىق تەنقىد قىلغان. (ئۆمەر قانات)