ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دوكلاتىدا خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى


2008.03.04

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بەش بۇرجەكلىك بىنا دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ھەربىي ئىقتىدارى ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتىدا "خىتاي ھەربىي كۈچىنى تۇراقلىق ھالدا ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرمەكتە" دەپ كۆرسەتكەن.

بەش بۇرجەكلىك بىنا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ھەر يىلى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدە دوكلات تەييارلايدۇ ھەمدە مەزكۇر دوكلاتقا ئاساسەن تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىگە باھا بېرىدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە تاپشۇرۇلىدىغان بۇ يىللىق دوكلاتتا بېيجىڭنىڭ ھەربىي تەييارلىقلارنى،ھەربىي خامچوت ھەمدە ھەربىي ئىقتىدارى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىمۇ مەخپىي تۇتۇۋاتقانلىقىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى نۆۋەتتە قۇرۇقلۇق، ھاۋا، ھەمدە دېڭىزدىن باشقا ئالەم تېخنىكىسى ھەمدە ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىپ ئۇرۇش قىلالايدىغان سەۋىيىگە يەتكەن شۇنداقلا بۇ خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ تەيۋەنگە قارشى ئېلىپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى بار ھەربىي ھۇجۇمدا يېڭىش تەييارلىقى كۆرۈۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو ‏- تېلېۋىزىيىسىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ بۈگۈن " ئامېرىكىنىڭ خىتاي ھەربىي كۈچى ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتى ئېلان قىلىپ جۇڭگونى ھەربىي تەھدىت دەپ كۆرسىتىشى، ئامېرىكىنىڭ دۆلىتىمىز ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقى، ئامېرىكا دەرھال بۇنداق سوغاق ئۇرۇش ئانالىزىنى توختىتىشى كېرەك" دەپ رەددىيە بەرگەن.

"خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن يەنىلا خەۋەرسىز " دەپ كۆرسەتكەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، شەرقىي ئاسىيا بۆلۈمى مۇئاۋىن دىرېكتورى دەۋد سىدنىي " بىزنىڭ ئىستراتېگىيە جەھەتتە خىتاينىڭ ھەربىي تەييارلىقلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىمىز خىتاينىڭ ھەربىي ئىقتىدارى جەھەتتە مۇداپىئەلىنىش خاراكتېرلىك ئىنكار قىلىشىغا ئۇل سالماقتا " دېگەن.

خىتاي يېقىندا تېخى بۇ يىل ھەربىي خامچوتىنى %18 ئۆستۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئامېرىكا خىتاينىڭ ئەمەلىي ھەربىي سېلىنمىسى ئېلان قىلغىنىدىن ئاز دېگەندە نەچچە ئون مىليارد دوللار يۇقىرى دەپ گۇمان قىلىپ كەلمەكتە. ئامېرىكىدىن باشقا ياپونىيىمۇ خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتى مەسىلىسىدە ئوچۇق ‏- ئاشكارا بولۇشىنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.