ئامېرىكا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھەربىي خامچوتنى كۆپەيتىش مەسىلسىدە ئوچۇق بولۇشقا چاقىردى
2008.03.01
خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرىدىن مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى دېۋىد سېدنى شەنبە كۈنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 2008- يىللىق ھەربىي خامچوتنى ئېلان قىلىشنىڭ ھارپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، "ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئون يىلدىن بېرى ھەربىي خامچوتنى داۋاملىق كۆپەيتىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، ھەربىي ئىستىراتېگىيىسى ھەققىدە كۆپرەك چۈشەندۈرۈش بېرىشى كېرەك" دېدى.
دېۋىد سېدنى شاڭخەيدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، " بىز، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك نىشانى ھەمدە خىتاينىڭ ئارمىيىسىنى يېڭى قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇشىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەقسەتلىرى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقى ھەققىدە، كۆپرەك چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشنى خالايمىز" دېگەن.
ياپونىيە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي خامچوتنى كۈنسېرى كۆپەيتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى ھەربىي خامچوتنى 17.8 پرسەنت كۆپەيتكەن ئىدى.
رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى، باشقۇرۇلدىغان بومبىلىرى ۋە ئۇرۇشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئاساسلىق قىسىمى تەيۋەنگە قارىتىلغان. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كاندىلىزا رايىس خىتايدىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى قويۇپ بېرىشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى
- خىتاي بىلەن ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى
- تەيۋەن خىزمەت گۇرۇپپىسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئامېرىكىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇشقا چاقىردى
- خىتاي كوسوۋادا تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ساقچى ئەۋەتمەكچى
- ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى سۆھبەت ۋەكىلى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى
- خىتاي ئامېرىكىدا جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
- كاندىلىزا رايس خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ
- ئالەم بوشلۇقىدا ئىشلىتىدىغان قوراللارنى چەكلەش كېلىشىمى رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ دېپلوماتىك ھىيلىسى
- ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات باش نازارەتچىسى : ئامېرىكا خىتاي تەھدىتىدىن ئەندىشە قىلىدۇ
- ئامېرىكىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مەسىلىسى
- تەيۋەن پرېزىدېنتى سپراتىلى تاقىم ئاراللىرىنى زىيارەت قىلدى