شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلاپ قويۇشىچە، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى، رۇسىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنستىرى لاۋۇروف، ھىندىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى مۇكاچىلار 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خىتاينىڭ خاربىن شەھىرىدە ئۇچراشقان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا، ئۈچ دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا يەر شارىدا ھاۋا كېلىماتى ئۆزگىرىشنىڭ ئالدى ئېلىش ئۈچۈن 'بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھاۋا كېلىماتى ئۆزگىرىش جەھەتتىكى كېلىشم رامكىسى' بىلەن 'كيوتو شەرتنامىسى' نى ئاساس قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، تېررورچىلىققا زەربە بېرىش، دۆلەت چېگرىسى ئاتلىغان تەشكىلاتلارنىڭ جىنايەتلىرىگە، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش تېمىسى تەكىتلەنگەن.
خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى سۆھبەتتە خىتاي-رۇسىيە-ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا ئىشەنچە تۇرغۇزۇش لازىملىقىنى، مەدەنىيەت، يېزا ئىگىلىكى، ئاپەتتىن قۇتۇلۇش، داۋالاش جەھەتلەردە ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلغان. (ۋەلى)