خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ بىرلەشمە مانېۋىرى ئاياقلاشتى


2007.12.25

خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ تېررورچىلىققا قارشى بىرلەشمە مانېۋىرى ئاياقلاشقان بولۇپ، ھىندىستان خىتاي ئارمىيىسىنى كېلەر يىلى ھىندىستان تۇپرىقىدا يەنە بىرلىكتە بىرلەشمە مانېۋىر ئېلىپ بېرىشقا تەكلىپ قىلدى.

خىتاينىڭ كۈنمىڭ رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن "قولمۇ - قول 2007" خىتاي ‏- ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش مانېۋىرى 25 ‏- دېكابىر كۈنى ئاياقلاشتى. بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ مەقسىدى تاغلىق رايونلاردىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش ۋە بىرلەشمە باش قوماندانلىقىنىڭ تېررورچىلارنى يوقىتىشىدىن ئىبارەت ئىككى خىل مەشىق ئۈستىدە ئۆز ‏- ئارا ھەمكارلىشىپ كۈرەش قىلىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەن.

مانېۋىر جەريانىدا ھىندىستان ئارمىيىسى بىلەن خىتاي ئارمىيىسى ئۆز ‏- ئارا ئۇرۇش تاكتىكىسى ۋە تەجرىبىلىرى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.

خىتاي ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىرىدىن بىرى، خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن ئېلىپ بارغان مانېۋىرىنىڭ ھېچقانداق بىر دۆلەتكە تەھدىت ھېسابلانمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىسە، ھىندىستان ھەربىي خادىملىرى خىتاي ‏- ھىندىستان ئىككى تەرەپنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا گەرچە چېگرا مەسىلىسى ئىختىلاپلىرى ھازىرغا قەدەر ھەل قىلىنماي كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ھازىر ئىككى دۆلەت ئۆز ‏- ئارا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ھەمكارلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما، يەنە بىر قىسىم ئانالىزچىلار ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتى ھىندىستاننىڭ خىتاي بىلەن ھەددىدىن تاشقىرى يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.