شەنبە كۈنى، ھىندىستاننىڭ پايتەختى يىڭى دېھلى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر كۈنلۈك يىغىنىغا قاتناشقان، ھىندىستان، رۇسىيە ۋە خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە كارخانچىلىرى، مەزكۇر ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتسادىي مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىنغا قاتناشقان ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك بىر خادىمى،" ھىندىىستان، خىتاي ۋە رۇسىيە ناھايىتى كۆپ تەبىئي مەنبەلەرگە ھەمدە ئېنېرگىيە زاپىسىغا ئىگە ئۈچ دۆلەت. شۇڭا بۇ ئۈچ دۆلەت ئۆز-ئارا بىر ئىقتسادىي شېرىكلىك قۇرۇشى كېرەك" دېگەن.
گەرچە ھىندىستان، خىتاي ۋە رۇسىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى شەنبە كۈنىدىكى يىغىندا، ئۆز-ئارا ئىقتسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەسىلسىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن سىياسىي ئانالىزچىلار، بۇ ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بولۇپمۇ، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇنلىغان مەنپەئەت توقۇنۇشنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ كونتروللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر-بىرى بىلەن جىددىي رىقابەتلىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلماقتا.
ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ئۈستىدىكى رىقابەتتىن سىرت يەنە، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا جىددىي چېگرا ئىختىلاپى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسدىكى بۇ ئىختىلاپ تېخى ھەل بولمىغان. (ئۆمەر قانات)