ئامېرىكا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان سۇ مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ
2007.06.29
ئامېرىكا فېدېرال سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا تاموژنا دائىرىلىرى خىتاي باقمىچىلىق پېرمىلىرىدىن ئىمپورت قىلىنغان سۇ مەھسۇلاتلىرىنى ، بۇ مەھسۇلاتلاردا ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بار - يوقلۇقى ئېنىقلانغىچە تۇتۇپ تۇرىدۇ. ئامېرىكا يىمەك - ئىچمەك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ياردەمچى باشلىقى، دەيۋىد ئاچېسون، "بىزنىڭ بۇ تەدبىرنى قوللىنىشىمىزدىكى سەۋەب، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان بىر قىسىم سۇ مەھسۇلاتلىرىدا قانۇن چەكلەيدىغان ماددىلارنىڭ بارلىقى ئۈزلۈكسىز بايقىلىۋاتقانلىقىدۇر. بۇ ماددىلار ئامېرىكىدا سېتىلىدىغان سۇ مەھسۇلاتلىرىدا چەكلەنگەن،" دەپ كۆرسەتتى.
ئاچېسوننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا 2006- يىلى 10 - ئايدىن 2007 - يىلى 5 - ئايغىچە، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان بىر قىسىم سۇ مەھسۇلاتلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئانتى - بىئوتىكتىن ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغانلىقىنى بايقىغان.
ئامېرىكا تاموژنا دائىرىلىرى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن بۇ مەھسۇلاتلار دېڭىز راكى، سوم بېلىقى قاتارلىق 5 تۈرلۈك سۇ مەھسۇلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئامېرىكا يىمەك - ئىچمەك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى دائىرىلەر، بۇ مەھسۇلاتلار سالامەتلىككە دەرھال تەسىر كۆرسەتمىسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن ۋاقىت ئىستىمال قىلىنسا كىشىلەرنى راك قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
خىتاي سودا مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پەيشەنبە كۈنى بۇ مەسىلە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىگە "جىددىي دىققەت قىلىۋاتقانلىقى " نى بىلدۈردى. لېكىن ئۇ، خىتاينىڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى ئاقلاپ،"جۇڭگو ئېكسپورت قىلغان پۈتۈن مەھسۇلاتلار كاپالەتكە ئىگە دېيىشكە بولىدۇ " دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)