ئامېرىكا پۇقرالىرى ئىران بىلەن خىتاينى ئەڭ خەتەرلىك تەھدىت دەپ قارايدۇ


2007-11-01
Share

ئامېرىكىدىكى بىر خەلق رايىنى سىناش ئورنىنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پۇقرالىرى ئىراننى نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت ، خىتاي بىلەن شىمالىي كورىيىنى ئىراندىن قالسا ئەڭ خەتەرلىك تەھدىت دەپ ھېسابلىغان. لېكىن ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنى ئەڭ خەتەرلىك تەھدىت، دەپ قارايدىغانلار راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ %8 نى ئىگىلىگەن.

ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكولاس بۇرنېس ئۆتكەن ھەپتە خىتاي بىلەن رۇسىيىنى ئىراننى قوللاۋاتىدۇ، دەپ تەنقىدلەپ، خىتاينى ئىرانغا مەبلەغ سالماسلىققا، رۇسىيىنى ئىرانغا قورال - ياراق سېتىپ بەرمەسلىككە چاقىرغان. لېكىن خىتاي بىلەن رۇسىيە ئىران مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن تىركىشىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى رۇسىيە بىلەن خىتاي خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى رەت قىلىش ھوقۇقىنى قوللىنىپ، ب د ت نىڭ ئىرانغا ئىمبارگو قويۇش قارارىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراتقان.

ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئىراننىڭ يادرو قوراللارغا ئىگە بولۇشىغا ھەرگىز سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، گېزى كەلسە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا %35 ئادەم ئىراننى ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك تەھدىت دەپ قارىغان بولسا، راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ %19 خىتاينى، %10 شىمالىي كورىيەنى ئەڭ خەتەرلىك تەھدىت دەپ قارىغان. بۇ ئامېرىكا خەلقى ئىچىدە بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرانغا ئىمبارگو قويۇش قارارىنى قوللايدىغانلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن دىرەك بېرىدىكەن.

پرېزىدېنت بۇش ئۆتكەن ھەپتە ئىراننىڭ "تېررورچىلارنى قوللىغانلىقى " ۋە يادرو قوراللارنى تەرەققى قىلدۇرۇۋاتقانلىقى تۈپەيلى ئىرانغا بىر تەرەپلىمىلىك ئىمبارگو قارارى ئېلان قىلىپ، 4 ئىران بانكىسى بىلەن ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىغۇچى قىسىمىنىڭ قۇددۇس دىۋىزىيىسىگە ئىمبارگو قويغان. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت