خىتاي ئىران بىلەن ياداۋاران نېفىتلىكىنى ئېچىش كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
2006.02.17
ئىران، يادرو مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ ئىمبارگوسىغا دۇچ كېلىۋاتقان بىر چاغدا، خىتاي مەتبۇئاتلىرى بېيجىڭنىڭ تېھران بىلەن ئىراننىڭ ياداۋاران نېفىتلىكىنى ئېچىش تۈرى بويى 100 مىليارد دوللارلىق نېفىت كېلىشىمى ئىمزالايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
خىتايدا چىقىدىغان " مالىيە- ئىقتىساد" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ بىر ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى 3 - ئاينىڭ باشلىرى ئىراننى زىيارەت قىلىپ، تېھران ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ ياداۋاران نېفىتلىكىنى ئېچىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويىدىكەن. بۇ كېلىشىم خىتاي بىلەن ئىران 2004 - يىلى نېفىت ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا ئىمزالىغان ئەسلەتمىنىڭ روھى بويىچە ئىمزالىنىدۇ.
جۇڭگو دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ماۋ شۇلىڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي 2009 - يىلدىن باشلاپ ئىراندىن 25 يىللىق مۇددەت ئىچىدە يىلىغا 10 مىليون توننا نېفىت سېتىۋالىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئىران دائىرىلىرى بۇ كېلىشىم توغرىسىدا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلدى.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دۆلەت ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ما لى، "مەن بۇ ھەقتىكى سۇاللارغا جاۋاپ بېرەلمەيمەن،" دەپ تەكىتلىگەن. ئىراننىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئەھۋالدىن خەۋەردار ئىكەنلىكى، ئەمما ماۋشۇلىڭ ئېيتقان مەسىلىلەردىن خەۋەرى يوقلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما "مالىيە- ئىقتىساد" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ مەسىلىلەر يېقىندا ئىران ئەلچىخانىسىدىكى بىر كۆرۈشۈشتە مۇزاكىرە قىلىنغان.
"مالىيە ئىقتىساد" گېزىتى، كېلىشىم بويىچە ياداۋاران نېفىتلىكى پىلانىنىڭ 51 % پاي چېكىگە خىتايلار، 29 % پاي چېكىگە ھىندىستان نېفىت تەبئىي گاز شىركىتى ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يېقىندا خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرغان. خىتاي خ ئا ئې ئىدارىسىنىڭ قارارىنى قوللىغان ئىدى.(ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي، رۇسىيىنىڭ ئىرانغا قاراتقان يادرو پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- سەئۇدى پادىشاھى ئابدۇللا خىتايدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى
- سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ
- تۈركمەنىستان بىلەن خىتاي كېلەر يىلى مۇھىم بىر نېفىت كېلىشىمىنى ئىمزالىماقچى
- خىتاي شىركىتىنىڭ ئېكسان موبىلنى سېتىۋېلىش تەكلىپى رەت قىلىندى