ئامېرىكا ئىسرائىلىيىنىڭ خىتايغا قورال سېتىشىغا قايتا نارازىلىق بىلدۈردى

ئىسرائىلىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان قورال سودىسى، ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇنىڭ قەدىناس ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى جىددىيلەشتۈردى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا ئىسرائىلىيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن مەسلىھەتلەشمەي تۇرۇپ، خىتاينىڭ سەزگۈر قورال سېستىمىلىرىنى يېڭىلاپ بەرگەنلىكىدىن غەزەپلەنگەن. ئەمما ئالاقىدار دائىرىلەر، ئىسرائىلىيىنىڭ خىتايغا قانداق خىل قورال سىستېمىسىنى يېڭىلاپ بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىمىغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ ئىلغار تىپتىكى قورال ئەسلىھەلىرىگە ئېرىشىشىنى، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تەھدىد ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ سەۋەپتىن، ئامېرىكا 2000 - يىلى ئىسرائىلىيىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئىسرائىلىيىنىڭ خىتايغا ئىلغار تىپلىق رادار سىستېمىسى سېتىپ بېرىش توختىمىنى بىكار قىلدۇرغان ئىدى.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا دائىرىلىرى ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي بىلەن بولغان قورال سودىسىدىن قاتتىق نارازى بولۇپ، ئىسرائىلىيىنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ قورال سېتىش ئىشلىرىغا مەسئول دېرىكتورى گېنىرال ئاموس ياروننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. بىراق ئىسرائىلىيىنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى ئەلچىسى، ئامېرىكىنىڭ گېنىرال ئاموس ياروننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش تەلىپىنى قويغانلىقىنى ئىنكار قىلدى.(ئارزۇ)