ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئىسرائىلىيىنىڭ خىتاينى ھەربىي ئەسلىھەلەر ۋە تېخنىكا تەمىنلەش سودىسىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا خىتاينى ھەربىي ئەسلىھەرلەر بىلەن تەمىنلىگەن ئىسرائىلىيە كارخانىلىرىغا ئىمبارگو قويغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىسنىڭ پات ئارىدا ئىسرائىلىيىدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى، خىتاي - ئىسرائىلىيە ھەربىي قوراللار سودىسىنىڭ كۆلەڭگۈسىگە دۇچ كەلمەكتىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇيتمان، "بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە شېرىكلىرىمىزنى خىتايغا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى سېتىش سودىسىدا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەيمىز،" دېدى. ئەمما خۇيتمان ، خىتاي - ئىسرائىلىيە ھەربىي سودىسىدىكى ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان قوراللارنىڭ قايسى خىلدىكى قوراللارلىقىنى تىلغا ئالمىدى.
ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرقىلىشىچە، ئامېرىكا ئىسرائىلىيىنى سەزگۈر ئەسۋابلار بىلەن تەمىنلەشنى توڭلاتقان شۇنداقلا ئىسرائىلىيىنىڭ بەزى سەزگۈر ئەسلىھەلەر ئېكسپورتى ئۈستىدىن نازارەت ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئوتتۇرىسىدىكى ئۇقۇشماسلىقنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىغا دىققەت قىلماقتا شۇنداقلا خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ئاسىيادىكى كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىنى بۇزىدۇ، دەپ ئەنسىرىمەكتە ئىدى. (ئەركىن)