ئىسرائىلىيىنىڭ باش مىنىسىتىرى ئولمارت ئەپەندى خىتايدىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى ھازىر داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئولمارت ئەپەندى چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ باش مىنىسىتىرى ۋېن جياباۋ بىلەن 90 مىنۇت سۆزلەشكەن. بۇ سۆھبەتتە، ئولمارت ئەپەندى كۈتۈلمىگەن ئىجابىي ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغان.
ئولمارت ئەپەندىنىڭ مۇخبىرلارغا سۆزلەپ بېرىشىچە، ئىراننىڭ يادرو قوراللارغا ئىگە بولۇشى ئىسرائىلىيىگىلا ئەمەس، پۈتۈن بىر رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولىدۇ. ئەمما خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئىراننىڭ نېفىتىدىن ئايرىلالمىغاچقا، خىتاي ئىرانغا قارىتا يۇمشاق پوزىتسىيە قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيىنىڭ باش مىنىسىترى ئولمارت ئەپەندىگە ئىراننىڭ يادرو قوراللارغا ئىگە بولۇشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن، ئەمما بۇ ھەقتە تەپسىلىي ئېنىقلىما بېرىشنى رەت قىلغان. (ۋەلى)