ئامېرىكا تەۋقەلىكىدىكى خىتاي ئىنژېنىر جاسۇسلۇق قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلدى

ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى خىتاي ئىنژېنېر مېڭ شاۋدۇڭ، ئامېرىكا سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىغانلىقى ۋە خىتايغا ساتماقچى بولغانلىقىنى ئىقرار قىلدى. ئامېرىكا تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئاشكارىلىشىچە، مېڭ شاۋدۇڭ كالىفورنىيىنىڭ سان - جويېس رايونىدىكى بىر فېدېرال سوت مەھكىمىسىدە جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بىر تەتقىقات شىركىتى تەرىپىدىن ياسالغان ھەربىي مەشققە دائىر يۇمشاق دېتال ئۆزۈكىنى خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بىر تەتقىقات ئورنىغا ساتماقچى بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

مېڭ شاۋدۇڭ، ئامېرىكا تەپتىش دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئامېرىكىنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش ۋە بۇ سەۋەبتىن 36 خىل جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا مېڭ شاۋدۇڭ ئەسلى بېيجىڭدا تۇغۇلغان بولۇپ، كانادا پۇقرالىقىنى ئالغان ۋە كالىفورنىيىدىكى بىر يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتتە خىزمەت قىلاتتى. ئۇ 2004- يىلى ئامېرىكا شىركىتىدىن ھەربىي مەشق توغرىسىدىكى يۇمشاق دېتال ئۆزۈكىنى ئوغرىلىغانلىقى بايقالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى خادىملىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. كېلىشىم بۇيىچە ئۇ جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلىقى ئۈچۈن بېرىلىدىغان جازا قىسقارتىلىپ، 2 يىللىق قاماق جازاسى ۋە بىر يېرىم مىليون دوللار جەرىمانە تۆلۈشى مۇمكىن.

ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كالىفورنىيىدىكى سىلىكون يۇقىرى تېخنىكا ۋادىسى خىتاي ۋە ئىرانغا ئوخشاش دۆلەتلەر ئامېرىكىدىن ئىقتىسادى ۋە ھەربىي تېخنىكا ئوغرىلايدىغان جاسۇسلۇق پائالىيەتلەرنىڭ بۆشۈكى بولۇپ قالماقتا. يېقىندا دۆلەتلىك ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈپ، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى پائالىيىتى ئامېرىكا بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەھۋالغا بېرىپ قالغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى رەت قىلماقتا. (ئەركىن)