خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان جاسۇسلۇق ھەرىكىتى پاش قىلىنغان يېڭى كىتاب
-
2008-02-27 -
-
-
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرى ھەققىدە 40 كىتاب يازغان فرانسىيە يازغۇچىسى روگېر فالىگوت ئەپەندىنىڭ'خىتاينىڭ ماۋ دەۋرىدىن تارتىپ ئولىمپىككىچە بولغان مەخپىي تەدبىرلىرى' ناملىق كىتابى يېقىندا نەشردىن چىقتى.
بۇ كىتابتا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 'تەنتەربىيە مۇخبىرلىرى بىلەن خىتايغا دۈشمەنلىك نەزىرىدە بولۇۋاتقان مۇخبىر ياكى خىتايغا دوست بولمىغان سەلبىي يازغۇچىلارنى پەرقلەندۈرۈش' دېگەن نام بىلەن خىتاينىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرىغا جاسۇس ئورۇنلاشتۇرغان.
ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى نامايىش قىلىدىغان تىبەتلەرنى، فالۇنگوڭچىلارنى، ئەل-قائىدىچىلەرگە چېتىپ تىزىملىككە ئېلىنغان باشقا مىللەت كىشىلىرىنى چەكلەيدىكەن؛ بېيجىڭدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە كېلىدىغان مۇخبىرلارنى كۆزىتىشكە ۋە ئۇلار كەلگەندىن كېيىن ھەر قايسى جايلارغا زىيارەتكە بارغاندا نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق مەخپىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 'ئولىمپىك بىخەتەرلىك گۇرۇپپىسى' دېگەن ئورگاننىڭ باشلىقى جاڭ ۋېيغا 'ئالتۇن مېدال مۇكاپاتى' مەبلىغى دېگەن نام بىلەن 885 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ بەرگەن. ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى جاسۇسلار ھازىر دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە، ھەتتا ھەممە ساھەگە تاراپ كەتكەن.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىرغىزىستان سوتى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك جاسۇسلۇق دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلدى
- يۇقىرى دەرىجىلىك بىر خىتاي ئەمەلدارى تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلىش سەۋەبىدىن قولغا ئېلىندى
- خىتاي ئامېرىكىدا جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
- خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا تەرەپ پاش قىلغان جاسوسلۇق ھەرىكىتىنى"ئويدۇرما" دەپ كۆرسەتتى
- ئامېرىكا دۆلەت ھەربىي مەخپىيەتلىكىنى خىتايغا ساتقان 4 كىشى قولغا ئېلىندى
- رۇسىيىدە خىتاي ئىشپىيونلىرى تۇتۇلدى
- خىتايغا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ساتقان خىتاي سودىگەر تۈرمىگە ئېلىندى
- ئەنگىلىيە رازۋېتكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق پائالىيىتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
- ئامېرىكا ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك شىركىتى خىتاينى ئىنتېرنېت جاسۇسلۇقى بىلەن ئەيىپلىدى
- ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى خىتاي ئىشپىيونلىرى ئامېرىكىغا تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە دەپ كۆرسەتتى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ جاسوسلۇق پائالىيەتلىرىنى ئەيىبلىدى