گېرمانىيىدە چىقىدىغان "نۇقتا" ژورنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە فېدىرال ئاساسىي قانۇن قوغداش ئىدارىسى گېرمانىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن يىتەكلىنىدىغان ۋە ئاساسىي نىشانى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخىن شەھىرىنى مەركەز قىلغان شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ ئىچىگە سوقۇنۇپ كىرىش ۋە ئۇلارنى تىنتىشنى مەقسەد قىلغان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ئۈستىدىن نازارەت قىلىشنى كۈچەيتكەن.
" نۇقتا " ژورنىلى، گېرمانىيىدىكى خىتاي ئاخبارات خادىملىرىنىڭ گېرمانىيىدە ياشايدىغان شەرقىي تۈركىستان پائالىيەتچىلىرى ئۈستىدىن رەھىمسىزلەرچە تىنتىش ۋە نازارەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، ھەتتا ئۇلارغا زوراۋانلىق ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىشتىن يانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ژورنالنىڭ فېدىراتسىيە ئاساسىي قانۇن قوغداش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلغان بىر دوكلاتتىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بېرلىن ئەلچىخانىسى رىياسەتچىلىك قىلىدىغان جاسۇسلارنىڭ "ھىلە - مىكىرلەرچە ھۇجۇمى" بىلەن گېرمانىيە جەمئىيتىنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا جاسۇسلۇق تورى قۇرۇلغان ۋە ئۇلار گېرمانىيىنىڭ ھەربىي، ئىقتىسادى، ئىلمىي تەتقىقات ۋە سىياسى ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك نازۇك ئۇچۇرلارنى توپلىماقتا ئىكەن.
"نۇقتا" ژورنىلىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گېرمانىيە فېدىرال ئاساسىي قانۇن قوغداش ئىدارىسى بۇ ئەھۋالدا خىتاي جاسۇسلىرىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشكە مەجبۇر بولغان.
شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، گېرمانىيە فېدىرال ئاساسىي قانۇن قوغداش ئىدارىسى، ئۇچۇر مەركىزىنىڭ رەھبىرى ئابدۇجېلىل قاراقاش بىلەن ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە خىتاي تەرەپتىن ئۇنىڭغا كېلىدىغان تەھدىت ئامىللىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. فېدىراتسىيە ئاساسىي قانۇن قوغداش ئىدارىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ نازارەت قىلىش ۋە سىڭىپ كىرىش ئوبىكتى ئاساسلىقى ميۇنخىندىكى " شىنجاڭنىڭ ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى" بىلدۈرگەن. (ئەركىن)