يېقىندا ئامېرىكا ئىقتىسادى، بىخەتەرلىك ئىشلىرى كۆزىتىش كومىتېتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يىللىق دوكلات سۇنۇپ "خىتاي ئىشپىيونلىرى، ئامېرىكىنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىغا تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە" دەپ كۆرسەتكەن.
مەزكۈر 2007 - يىللىق دوكلاتتا خىتاينىڭ تېخنىكا ھەم ئىقتىسادىي ئىشپىيونلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن ھەقىقەتەن تەھدىت ھاسىل قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي تېخنىكىلىرىنى سېتىۋىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى بارغانچە ئاشۇرۇۋاتقانلىقى،شۇ سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ تېخنىكىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتىن زامانىۋىيلىشىشىدا زور رول ئېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئىشپىيونلۇقىغا قارشى ئاخبارات مەخپىيەتلىكىنى چىڭايتىشتا يەنىمۇ جىددىي تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
مەزكۇر كومىتېت ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يەنە، خىتاي تەھدىتىنى توسۇش ئۈچۈن ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ھەربىي، ئىقتىسادىي، ئۇچۇر-ئاخبارات، مۇھىت ئىشلىرى ساھەلىرىگە ئالاقىدار 42 تۈرلۈك تەدبىر پىلانىنىمۇ سۇنغان.
20 - نويابىر خىتاي تەرەپ ئامېرىكىدا تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاش، ئىشپىيونلۇق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىنكار قىلغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا " بىز كۆپ قېتىم جۇڭگونىڭ باشقا بىر دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتتە بولمايدىغانلىقىنى، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا ئوز - ئارا باراۋەرلىكنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلدۇق" دېگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى قۇرغۇچىسى ھەم رەئىسى لاندى فۇربۇسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىدىكى ئىككى مىڭدىن ئۈچ مىڭغىچە بولغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھەقىقىي مۇددىئاسى ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت ھەمدە كارخانىلىرىنىڭ مەخپىي ئارخىپلىرىنى ئوغرىلاش ئىكەن. (گۈلچېھرە)