ئامېرىكا دۆلەت ھەربىي مەخپىيەتلىكىنى خىتايغا ساتقان 4 كىشى قولغا ئېلىندى
2008.02.12
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر نەپەر ئانالىزچىسى ۋە بوئېن ئايروپىلان ياساش شىركىتىنىڭ بىر نەپەر ئىنژېنېرى ھەربىي مەخپىيەتلىكنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە،خىتاي ۋە تەيۋەندىن ئامېرىكىغا كۆچمەن بولغان ۋە ئامېرىكا مۇداپىئە ئانالىزچىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن ئىككى نەپەر خىتايمۇ فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.
بۇ ئىككى خىل دېلو ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتى ۋە كالىفورنىيە شتاتىدا يۈز بەرگەن بىر - بىرىگە مۇناسىۋەتسىز ئىككى خىل دېلولار بولسىمۇ، ئەمما ئوخشاش كۈندە سوت قىلىنغان.
ئامېرىكا دۆلەت ئادۋوكاتى كەننەتھ ۋائىستيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نۆۋەتلىك قولغا ئېلىش ئامېرىكا دۆلەت ھەربىي مەخپىيەتلىكىنى خىتايغا سېتىشقا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى دىلو ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەخپىي ھەربىي تېخنىكىلىرىنى قولغا چۈشۈرۈشتە قەتئىي ئىرادىگە كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدىغان بىر ئىشپىيونلۇق ھەرىكىتى ئىكەن.
كەننەتھ ۋائىستيىن ئەپەندى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، بۇ خىلدىكى تېخنىكىلارنىڭ خىتاينىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىكى تەھدىتنىڭ ئىنتايىن ئېنىق ئىكەنلىكىدە توختىلىپ: " بۇ دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە دۇنيادىكى ئىقتىسادى ئورنىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ " دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 51 ياشلىق ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى قورال- ياراقلار سېستىمىسى ئانالىزچىسى گرەگ ۋ بەرگسەن ئامېرىكىنىڭ بەزى مەخپىي تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى تەيۋەندىن كەلگەن 58 ياشلىق خىتاي سودىگەرگە سېتىۋەتكەن بولۇپ، ئاشكارىلىنىشىچە، تېي كۇ ئىسىملىك بۇ خىتاي ئەسلى تەيۋەنلىك بولۇپ، ئۇ كېيىن ئامېرىكا دۆلەت پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ۋە مەزكۇر تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈپ بەرگەن ئىكەن.
بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە بىر نەپەر خىتاي پۇقراسىمۇ بار بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن يۇ شىنكاڭ. ئۇ تەي كۇ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا كېلىشتۈرگۈچىلىك رولىنى ئۆتىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەربىي ئۇچۇرلار ئىچىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە ھەربىي تېخنىكا ۋە قورال - ياراقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنىڭ تەپسىلاتى بار ئىكەن.
ھازىر تەي كۇ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چەتئەللەرگە يەتكۈزۈپ بېرىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆمۈرلۈك قاماققا ئېلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.
بۇ نۆۋەت سوتلانغانلارنىڭ يەنە بىرسى ئىلگىرى بوئېن شىركىتىدە ئىنژېنېر بولۇپ ئىشلىگەن دۇڭ فەن ئىسىملىك خىتاي بولۇپ، ئۇنىڭ 1979- يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بوئېن شىركىتىنىڭ ئالەم قاتنىشىغا ئائىت تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنى خىتايغا يەتكۈزۈپ بېرىپ كېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.
دۇڭ فەن 1973- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە بوئېن شىركىتىنىڭ روكۋېل مۇداپىئە ۋە ئالەم قاتنىشى شىركىتىدە ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇشۇ جەرياندا ئامېرىكىنىڭ ئالەم ئايروپىلانىنىڭ تېخنىكىلىرىنى خىتايغا يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكى مەلۇم. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رۇسىيىدە خىتاي ئىشپىيونلىرى تۇتۇلدى
- ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى قوماندانى خىتاينى زىيارەت قىلماقچى
- ياپونىيە يېقىندا ھىندونېزىيىگە ئۈچ دانە ئىلغار چارلىغۇچى پاراخوت ياردەم قىلدى
- خىتايغا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ساتقان خىتاي سودىگەر تۈرمىگە ئېلىندى
- ئەنگىلىيە رازۋېتكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق پائالىيىتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
- ئامېرىكا ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك شىركىتى خىتاينى ئىنتېرنېت جاسۇسلۇقى بىلەن ئەيىپلىدى
- ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى خىتاي ئىشپىيونلىرى ئامېرىكىغا تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە دەپ كۆرسەتتى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ جاسوسلۇق پائالىيەتلىرىنى ئەيىبلىدى
- خىتاي -تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا جاسۇس تۇتۇش بۇيىچە يەنە بىر جىددىي جەڭ باشلاندى
- ئامېرىكىدا ئىككى نەپەر خىتاي پۇقراسى ئۈستىدىن جاسۇسلۇق دېلوسى تۇرغۇزۇلدى
- تەيۋەن تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئىككى خادىمى خىتايغا مەلۇمات ساتقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى
- خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ئامېرىكىغا قارىتىلغان جاسۇسلۇق ھەرىكىتى سوغۇقچىلىق ئۇرۇش دەۋرىدىكى سەۋىيىگە قايتتى