خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا تەرەپ پاش قىلغان جاسوسلۇق ھەرىكىتىنى"ئويدۇرما" دەپ كۆرسەتتى
2008.02.14
خىتاي تەرەپ، ئامېرىكا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى خىتايغا ساتقانلىق ھەققىدىكى جاسوسلۇق دېلوسىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق دېيىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكىنىڭ سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىگە خاس ئوي - خىياللىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى تەشەببۈس قىلدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ پەيشەنبە كۈنى":ئامېرىكا تەرەپنىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتى بىلەن كالىفورنىيە شىتاتىدا يۈز بەرگەن جاسوسلۇق دىلوسى ھەققىدىكى بايانلىرى تامامەن بىر ئويدۇرما،"دېدى.
ليۇ جەنچاۋ يەنە ": ئامېرىكا سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدىكى ئانالىز بىلەن ئېلىپ بېرىلغان پاكىتسىز ئەيىبلەشلەرنى توختىتىپ، ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى، ئۆز- ئارا ئىشەنچىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشى كېرەك،" دېدى.
بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا دائىرىلىرى، ئامېرىكا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى خىتايغا ساتقان 4 كىشىنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارنى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە جازالىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى قورال - ياراقلار سېستىمىسى ئانالىزچىسى گرەگ، ئامېرىكىنىڭ مەخپىي تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى تەيۋەنلىك خىتاي سودىگەرگە سېتىۋەتكەن بولۇپ، تەيۋەنلىك سودىگەر مەزكۈر تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈپ بەرگەن ئىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مەزكۈر ھەربىي ئۇچۇرلار ئىچىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە ھەربىي تېخنىكا ۋە قورال - ياراقلارنى تەيۋەنگە سېتىپ بېرىش پىلانىنىڭ تەپسىلاتى بار ئىكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا دۆلەت ھەربىي مەخپىيەتلىكىنى خىتايغا ساتقان 4 كىشى قولغا ئېلىندى
- رۇسىيىدە خىتاي ئىشپىيونلىرى تۇتۇلدى
- خىتايغا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ساتقان خىتاي سودىگەر تۈرمىگە ئېلىندى
- ئەنگىلىيە رازۋېتكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق پائالىيىتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
- ئامېرىكا ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك شىركىتى خىتاينى ئىنتېرنېت جاسۇسلۇقى بىلەن ئەيىپلىدى
- ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى خىتاي ئىشپىيونلىرى ئامېرىكىغا تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە دەپ كۆرسەتتى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ جاسوسلۇق پائالىيەتلىرىنى ئەيىبلىدى
- خىتاي -تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا جاسۇس تۇتۇش بۇيىچە يەنە بىر جىددىي جەڭ باشلاندى
- ئامېرىكىدا ئىككى نەپەر خىتاي پۇقراسى ئۈستىدىن جاسۇسلۇق دېلوسى تۇرغۇزۇلدى
- تەيۋەن تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئىككى خادىمى خىتايغا مەلۇمات ساتقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى
- خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ئامېرىكىغا قارىتىلغان جاسۇسلۇق ھەرىكىتى سوغۇقچىلىق ئۇرۇش دەۋرىدىكى سەۋىيىگە قايتتى
- ئىران جاسۇسلۇق قىلمىشى بىلەن ئەيىبلىنىپ سولاقتا تۇرۇۋاتقان ئىككى نەپەر خىتاينى قويۇپ بەردى
- ئىران ئىككى خىتاي جاسۇسىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى









