خىتاي ئامېرىكىدا جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىنكار قىلدى


2008.02.15

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ئامېرىكىدا جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئامېرىكا ھەربىي مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىغان خىتاي جاسۇسلۇق تورىنىڭ تار ‏- مار قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاساسسىز، دەپ رەت قىلدى ۋە بۇ تۈردىكى ئەيىبلەشلەر خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان -زەخمەت يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ بۇ تۈردىكى ئەيىبلەشلەر پۈتۈنلەي يامان غەرەزلىك بولۇپ، بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر دەۋرىدىكى تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى، دەيدۇ. لېكىن ئۇ ، ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئورگانلىرى قولغا چۈشۈرگەن جاسۇسلارنىڭ خىتاي جاسۇسى ياكى ئەمەسلىكىگە جاۋاب بەرمىدى. ئامېرىكا ئەدلىيە تارماقلىرى ئالدىنقى كۈنى ۋىرجىنىيە ۋە كالىفورنىيە شىتاتلىرىدا ئامېرىكا ھەربىي ۋە تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلىغان 2 ئايرىم - ئايرىم جاسۇسلۇق ۋەقەسىدە 4 نەپەر جاسۇسنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، بۇلارنىڭ بىرى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئىشلەيدىغان ھەربىي، قالغان 3 ى ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى خىتايلار بولۇپ، خىتايلارنىڭ بىرىنىڭ ئۇزۇن يىللار ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى تەتقىقات ساھەسىدە خىزمەت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى جاسۇسلۇق پائالىيىتى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر دەۋرىدىكى سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى ۋە خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ ئامېرىكىدا خىزمەت قىلىدىغان خىتايلارنى ياللاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا ھەربىي تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاش خىتاينىڭ دۆلەت سىياسىتى بولۇپ قالغان. بۇ قېتىمقى جاسۇسلۇق ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خادىمى بېرگېرسېن، مىنىستىرلىقنىڭ قورال - ياراقلار سېستىما ئانالىزچىسى بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئارىسىدىكى قورال - ياراق سودىسىغا ئارىلاشقان. بۇ ۋەقە تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭمۇ سەزگۈرلىكىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلار تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. (ئەركىن)‏

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.