خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئاسىيا - تېنچ ئوكيان ئىقسادىي ھەمكارلىق يىغىنى مەزگىلىدە كانادا باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ يۈنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىدا ئېيتىشىچە " جۇڭگو ھۆكۈمىتى، جۇڭگو - كانادا مۇناسىۋىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىكەن" ئۇ سۆزىدە ": جۇڭگو ، باراۋەرلىك ۋە ئۆز - ئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئېلىپ بېرىشنى خالايدۇ، بىراق ، بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ " كىشىلىك ھوقۇق" نى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكىي ئىشلىرى ھەققىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئىپادە بىلدۈرۈشىگە قارشى تۇرىمىز " دېدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، كانادا مەتبۇئاتلىرىدا خۇ جىنتاۋنىڭ، ستىپان خارپېرنىڭ ئاسىيا - تېنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنىدا كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارالغان ئىدى.
خارپېر، ئىزچىل تۈردە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلىپ كەلگەن كانادا رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ سۆزىدە":مېنىڭچە، كانادا خەلقى خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى خالايدۇ، ئەمما كانادالىقلار بىز ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان دېموكراتىيە ، ئەركىنلىك ، كىشىلىك ھوقۇق قاراشلىرىنى سېتىۋىتىشىمىزنى ھەرگىز خالىمايدۇ" دېدى.
خىتاي كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىگە قارىماي، كانادا پۇقراسى ھۆسىيىن جېلىلنى قولغا ئېلىپ، ھازىرغا قەدەر ئۆز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇپ بەرمىدى.
كۆزەتكۈچىلەر، خارپېرنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ھۆسىيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. (ئەقىدە)