كانادانىڭ ئىككى مىنىستىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سەزگۈر سىياسىي مەسىلە مەۋجۇت شارائىتتا خىتاينى زىيارەت قىلدى


2007.01.17

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادانىڭ ئىككى مىنىسىتىرى كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سەزگۈر سىياسىي مەسىلە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان شارائىتتا خىتاينى زىيارەت قىلدى. كانادانىڭ سودا مىنىسىتىرى ئېمىرسىن ئەپەندى خىتاينىڭ پەن-تېخنىكا مىنىسىتىرى بىلەن پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق كىلىشىمى، مۇھىتنى ئاسراش كېلىشىمى ۋە يېشىل تېخنىكا كىلىشىمى قاتارلىق كىلىشىملەرنى ئىمزالىدى. كانادانىڭ مالىيە مىنىستىرى جىم فلەرتي ئەپەندى خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى بىلەن خىتاي پۇلى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 17 ‏- يانۋار كۈنى كانادانىڭ مالىيە مىنىستىرى جىم فلەرتي ئەپەندى بىلەن خىتاي ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىيە جەھەتتە جىددىي مۇنازىرە يۈز بەرگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن كانادانىڭ باش مىنىسىتىرى خىتاينىڭ باش مىنىسىتىرىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىلەن ئەيىبلىگەن، شۇ چاغدىكى ئەيىبلەشتىن پەيدا بولغان مۇنازىرە ھەتتا خۇ جىنتاۋنىڭ 11 ‏- ئايدا كاناداغا قىلىدىغان زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا يۈزلەنگەن ئىدى. فلەرتىي ئەپەندىمۇ خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، خىتايغا ھۈسەنجان جېلىل دېلوسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كانادا ئەھمىيەت بېرىۋاتقان مەسىلىلەرنى سەمىمىيلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى، كانادا ئۆزىنىڭ ھەر جايدىكى پۇقرالىرىنى چۇقۇم قوغدايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بۇ قېتىمقى دىپلوماتىيە جەھەتتىكى مۇنازىرە يەنىلا مۇشۇ مەسىلىدىن كېلىپ چىققان. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.