دالاي لاما كانادا باش مىنىستىرى ستىپان خارپېر بىلەن كۆرۈشكەن


2007.10.30

تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما 3 كۈنلۇك كانادا زىيارىتىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە دۈشەنبە كۈنى كانادا باش مىنىستىرى ستىپان خارپېر بىلەن، ئۇنىڭ كانادا پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا كۆرۈشكەن بولۇپ، سۆھبەتتە دالاي لاما ستىپان خارپېرنىڭ " كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى جىددىي پوزىتسىيىسى"نى مەدھىيىلىگەن. بۇ كانادا باش مىنىستىرلىرىنىڭ دالاي لامانى تۇنجى قېتىم قوبۇل قىلىشى بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ باش مىنىستىرىنىڭ دالاي لامانى تۇنجى قېتىم دۆلەت سورۇنىدا كۈتىۋېلىشىدۇر.

2004 ‏- يىلى ئەينى چاغنىڭ كانادا باش مىنىستىرى پائۇل مارتىن دالاي لاما بىلەن رىم كاتولىك ئارخىبىشوپىنىڭ ئوتتاۋادىكى شەخسى ئۆيىدە ئۇچراشقان. ستىپان خارپېر، 2006 ‏- يىلى 12 ‏- ئايدا ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى پارلامېنت بىناسىدا كۈتۈۋالغان ئىدى.

دالاي لاما ئوتتاۋاغا يەكشەنبە كۈنى كەلگەن شۇنداقلا ئۇ شۇ كۈنى ئوتتاۋادىكى بىر زالدا قوللىغۇچىلىرىغا سۆز قىلىپ، "خىتاي بايرىقىدىكى 5 يۇلتۇز مانجۇ، موڭغۇل، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خەنزۇ قاتارلىق بەش مىللەتكە ۋەكىللىك قىلاتتى. لېكىن ھازىر بۇ بايراق خەنزۇلاردىن باشقا ھېچكىمگە ۋەكىللىك قىلمايدىغان بولدى" دەيدۇ. ئۇ كانادا مەدەنىي يادىكارلىقلار مىنىستىرى جېيسېن كېننېي بىلەن كۆرۈشكەندە" مېنىڭچە خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى مىنىستىرلىقىڭىزنىڭ ئىتتىپاقلىقنى ئۆز ‏- ئارا ھۆرمەت ئاساسىدا قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆپرەك ئۆگەنسە بولغۇدەك "دەپ كۆرسەتتى.

دالاي لاما بۇ يىل 8 ‏- ئايدىكى گېرمانىيە ۋە 10 ‏- ئايدىكى ئامېرىكا زىيارىتىدە خىتاينىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولسا، بۇ قېتىم ئۇنىڭ كانادا زىيارىتى يەنە خىتاينىڭ كەسكىن قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى. خىتاينىڭ كانادادىكى ئەلچىخانىسىنىڭ كونسۇلى سۈن لۇشەن ئۆتكەن ھەپتە ستىپان خارپېرنىڭ دالاي لامانى كۈتۈۋالماقچى بولغانلىقىنى ئەيىبلەپ، كانادا "بىر تەرەپتىن تىبەتنى جۇڭگونىڭ بىر قىسىمى، دەپ ئېتىراپ قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن دالاي لامانى رەسمىي يوسۇندا كۈتۈۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ كىشىلەرگە خاتا سىگنال بېرىدۇ " دەپ تەنقىد قىلغان. (‏ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.