كانادا ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يامانلىشىشقا باشلىدى


2007.11.09

ئۆتكەن يىلىدىن بېرى يىرىكلىشىپ ھازىر ئازراق يۇمشاشقا باشلىغان كانادا- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى، كانادا باش مىنىستىرى سىتىفىن خارپېر ئالدىنقى ھەپتە تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن يەنە يىرىكلىشىشكە باشلىدى.

يەرشارى مەكتۇپلىرى گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي تەرەپ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلغانلىقىغا ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن خىتاي- كانادا دىپلوماتىيە خادىملىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىش پىلانلانغان بىر مۇھىم ئۇچرىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

مەزكۇر ئۇچرىشىش كانادا-خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ئىشلار گۇرۇپپىسى دەپ ئاتىلىدىغان كومىتېتى نامىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ كومىتېتى 2005 - يىلى پائۇل مارتىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغان ۋە خىتاي بىلەن "ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق"ئورنىتىش مەقسىتىدە، سودا مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئائىت مەسىلىلەردە سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدى.

يەرشارى مەكتۇپلىرى گېزىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، سىتىفىن خارپېر ھۆكۈمىتى يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان "ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق" ئۇقۇمىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، خىتاي بىلەن ئالاقە ئورنىتىش دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يەرشارى مەكتۇپلىرى گېزىتىدە ئالبېرتا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى سىياسىي تەتقىقاتچى ۋېران جياڭنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، بىر قاتار مەسىلىلەردە كانادا خىتاينى دوست دەپ تونۇمايدىغان بولۇپ، ھازىر كانادادا خىتاي سىياسىتى ۋە خىتاي ئىستىراتېگىيىسى يوق ئىكەن.

جياڭ مۇنداق دەيدۇ: " بۇ بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھازىر مۇناسىۋەتلىرىمىز بەك سۇسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ." (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.