0:00 / 0:00
ئالدىنقى ھەپتە بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغان كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ساياھەت كېلىشىمىنى رەت قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، كانادا - خىتاي دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە يەنە بىر مەيدان جىددىيلىك مەيدانغا كەلدى.
كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇن بۇ ھەقتە كانادا مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان بەس - مۇنازىرىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
