كانادا خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
2008.01.11
كانادا ھۆكۈمىتى يېقىندا ئەگەر خىتاي كانادانى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ساياھەت مەنزىلىدىكى دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزمىسە، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا خىتاي ئۈستىدىن ئەرز سۇنىدىغانلىقى ھەققىدە خىتاينى ئاگاھلاندۇردى.
خىتاي ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا ئامېرىكىنى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ساياھەت مەنزىلىدىكى دۆلەت دەپ ئېلان قىلغان، لېكىن كانادانى بۇ تىزىملىكنىڭ سىرتىدا قالدۇرغان ئىدى. يېقىندا بېيجىڭنى زىيارەت قىلغان كانادا خەلقئارا سودا مىنىستىرى دەيۋىد ئېمېرسىن، خىتاي ئەمەلدارلىرىنى كاناداغا "ئۆكتەملىك" قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. ئۇ، "ئۈچ يىلدىن بېرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتتىن بىر نەتىجە چىقمىدى.
ئەگەر سۆھبەتتە قىسقا ئارىلىقتا بىر ئىلگىرىلەش بولمىسا، بىز دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىش يولىنى تاللىۋېلىشىمىز مۇمكىن " دەيدۇ. لېكىن ئېمېرسىن، خىتاينىڭ كانادانى ساياھەت مەنزىلىدىكى دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزمەسلىكىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىشنى رەت قىلغان. بەزى ئانالىزچىلار بۇ كانادانىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنى تەنقىد قىلىشى بىلەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەر ھەم باش مىنىستىر خارپېرنىڭ تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا.
كانادا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ يولى ئېچىۋېتىلسە، ھەر يىلى بىر مىليون خىتاي كاناداغا ساياھەتكە كېلىشى، كانادا بۇنىڭدىن 2 مىليارد دوللار كىرىم قىلىشى مۇمكىن. گەرچە خىتاي ئۆتكەن يىلى 12- ئايدىن باشلاپ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا ساياھەت قىلىش تۈرىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئىلىدىن كەلگەن خەۋەرلەردە ئەسكەرتىشىچە، بۇ تۈر ھازىرچە ئىچكىرىدىكى ئۆلكىلەر بىلەن چەكلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويۇلمىغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۈسەيىن جېلىلنىڭ قىز قېرىندىشى بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلدى
- رۇسىيە - خىتاي سودىسى رۇسىيىگە پايدىسىز بولماقتا
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان تاۋارلارغا چېگرا بېجىنى يۇقىرىلىتىش جازاسى قوللىنىش تەكلىپى بېرىلدى
- كانادا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يامانلىشىشقا باشلىدى
- خىتاي - ئامېرىكا كېلەر ئاي دورا بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش كېلىشىمى تۈزەشنى قارار قىلدى
- دالاي لاما كانادا باش مىنىستىرى ستىپان خارپېر بىلەن كۆرۈشكەن
- دۇنيا سودا تەشكىلاتى خىتايدا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسى بۇيىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى
- كىرىستوفېر سىمىس: "خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئېرقىي قىرغىنچىلىق تۈسىنى ئالغان"
- خۇ جىنتاۋ ئاۋسترالىيە زىيارىتىنى باشلىدى
- ياۋرۇپا بىرلىكى خىتاينى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتە ئاگاھلاندۇردى









