خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا مەكتۈپ يوللاپ، خىتاينىڭ بېرمىغا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغۇچى ۋە بېرمىنى قورال بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىرمىدا يۈز بېرىۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشى ئۈچۈن ياردەم كۆرسىتىشىنى تەشەببۈس قىلدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ، ئىلگىرى بىرما ھەربىي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆكتىچىلەر بىلەن ھەمكارلىق ۋە دىئالوگ قۇرغانلىقىنى، بىراق بۇ ئۆكتىچىلەر قولغا ئېلىنىش، يوقاپ كېتىش ھەتتا ئۆلتۈرۈلۈش سۈيقەستىگە ئۇچرىغاندا، بۇنىڭغا سۈكۈتتە تۇرغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، خەلقئارانىڭ مەزكۈر باستۇرمىچىلىق زوراۋانلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا كاشىلا تۇغدۇرغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەكىتلىشىچە، 2008 - يىلى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى بېيجىڭنىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ ئېچىلىش كۈنى بولۇپلا قالماستىن، بىرمىدا 1988 - يىلى يۈز بەرگەن دېموكراتىك نامايىشىنىڭ 20 يىللىق خاتىرە كۈنى ، بۇ كۈنى بېرمىدا 3000 دەك كىشى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان .
مەزكۈر تەشكىلات خۇ جىنتاۋنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىنى تەشەببۈس قىلىپ ، بېرمىنى قورال بىلەن تەمىنلەش، ئۇلارغا ھەربىي مەشىق ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بېرىشنى دەرھال بىكار قىلىش بىلەن بىرگە، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ بېرمىغا قاراتقان جازاسى ۋە باشقا ھەرىكەتلەرنى قوللىشىنى، بىرما ھەربىي ھۆكۈمىتى بىلەن سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ دىئالوگ قۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى، بۇنداق قىلىشنىڭ جۇڭگونىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. (ئەقىدە)
