ئامېرىكىلىق خىتاي سودىگەر، ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
2008.01.05
ئامېرىكا ئەدىلىيە دائىرىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىرى ئۈچۈن يۈز مىڭلىغان دوللار پۇل ياردەم بەرگەن، نورمان سۈي ئىسىملىك، ئامېرىكىلىق خىتاي سودىگەر، جۈمە كۈنى، ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 56 ياشتىكى سۈي، 1992- يىلى يۈزبەرگەن بىر ساختىپەزلىك ۋەقەسىگە قاتناشقان ئىكەن.
فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەسلى خوڭكوڭلۇق بولغان، ئامېرىكىلىق خىتاي سودىگەر سۈي، دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ بىرى بولغان خېللەرى كىلىنتونغا نەچچە يۈزمىڭ دوللار پۇل ياردەم قىلغان ئىكەن. لېكىن خېللەرى كلىنتون، كېيىن سۈي نىڭ پرېزىدېنت سايلىمى ئۈچۈن بەرگەن ياردەملىرىنى، قايتۇرۇۋەتكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 1992- يىلى فېۋرال ئېيىدا يۈز بەرگەن ساختىپەزلىك ۋەقەسىگە قاتناشقانلىقىنى ئىتراپ قىلنغان سۈي، سان ماتىيۇ ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ، ئۇنىڭ ھەققىدە چىقارغان ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈمىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەدلىيە دائىرىلىرىگە تەسلىم بولماي، خوڭكوڭغا قىچىپ كەتكەن ئىكەن.
1990- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، يوشۇرۇن ھالدا ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەن سۈي، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ، دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىرىغا ياردەم پۇلى يىغىش پائالىيىتىنى باشلىۋەتكەن. لېكىن، ئۆتكەن يىلى سېنتەبىر ئېيىدا ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى خادىملىرى، ئۇنى كالورادو شىتاتىدا قولغا ئالغان. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئوباما بىلەن خاكابې ئايوۋا شتاتىدا رەقىبلىرىنى مەغلۇپ قىلدى
- پاكىستاندا سايلام ئالتە ھەپتە كېچىكىدۇ
- پۇتىن رۇسىيىدىكى ئەڭ باي ئادەممۇ؟
- ئۆزبېكىستان پرېزىدېنت سايلىمى
- پۇتىن ئۆزىنىڭ پارلامېنت ئەزالىق سالاھىتىدىن ۋاز كەچتى
- ۋېنسۇئىلا خەلقى پرېزىدېنت چاۋەسنىڭ ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى رەت قىلدى
- پاكىستاندىكى ئىككى چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ رەئىسلىرى بىنەزەر بوتو ۋە ناۋاز شېرىپ سۆھبەتلەشمەكچى
- رۇسىيىدە پرېزىدېنت سايلاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى
- گرۇزىيە پرېزىدېنتى ساكاشىۋېلى ئىستىپا بەردى
- كوسوۋالىقلار سايلام ئۆتكۈزدى









