توپىلاڭ سەۋەبىدىن سولوموندىكى خىتايلار كېتىشكە مەجبۇر بولدى
2006.04.23
تىنچ ئوكياندىكى سولومون تاقىم ئاراللىرى دۆلىتىدە يۈز بەرگەن توپىلاڭ سەۋەپلىك پايتەخت خونىئارادىكى يەنە بىر تۈركۈم 150 كە يېقىن خىتاي پۇقراسى خىتايغا قايتىشقا مەجبۇر بولدى.
بۇنىڭ ئالدىدا ئۆيلىرى، دۇكانلىرى ۋە مال مۈلۈكلىرى بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرىغان 200 گە يېقىن خىتاي سولومون ئارىلىدىن ئايرىلغان ئىدى. بۇ توپىلاڭ، يەرلىك خەلقنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش مىنىستىرغا نارازى بولۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. شۇنداقلا بۇ يەردىكى خىتايلار ياكى تەيۋەنلىكلەر سولومون ھۆكۈمىتىدىكى قانۇن تۇرغۇزغۇچىلار پارە بېرىپ بۇ كاندىداتنى باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەتكۈزگەنلىكى ھەققىدە سۆز-چۆچەك تارالغان.
شۇ سەۋەپتىن يەرلىك خەلقلەردە بۇ يەردىكى خىتايلارغا قارىتا ئۆچمەنلىك پەيدا بولۇپ، پايتەخت خونىئارادىكى خىتاي بازارلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان. سولومون تاقىم ئاراللىرىمۇ بۇ يەردىكى باشقا تىنچ-ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىگە ئوخشاشلا خىتاي بىلەن تەيۋەن ئارىسىدا تالاش-تارتىشتا قالغان دۆلەت بولۇپ، ئۇ تەيۋەننى دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، بۇ دۆلەتلەرنى پۇل ئارقىلىق تەيۋەندىن ئايرىشقا تىرىشىدۇ.
مەزكۇر توپىلاڭدىن كېيىن، خىتاي بىلەن تەيۋەن ھەر ئىككىلىسىلا سولوموندىكى باش مىنىستىر سايلىمىغا پۇل ئارقىلىق چېتىلغانلىق خەۋىرىنى رەت قىلىپ، بۇ سايلامغا ئۆزلىرىنىڭ ئارىلاشمىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)