جۇڭگو ئامېرىكىدىكى قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلىقتىن ئامېرىكا ئۇلارنى قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالدى
2006.07.31
ئامېرىكا بۇ دۆلەتتىكى 40 مىڭ قانۇنسىز خىتاي كۆچمېنىنى جۇڭگوغا قايتۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلىقتىن ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ئۇلارنى قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان.
Wall Street Journal گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكىدىن بۇ يەردە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنى ۋە سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى تەڭ قايتۇرسا ئاندىن ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي تەرەپنىڭ بۇ تەلىپى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مايكىل چېرتوف، ئەگەر جۇڭگو قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى تاپشۇرۇپ ئالمىسا، " ئۇلارنى ئامېرىكىدا داۋاملىق تۇرغۇزۇشقا مەجبۇر بولىمىز، چۈنكى ئۇلارنى ئەۋەتىدىغان باشقا يەر يوق" دېدى.
خەلقئارا قانۇنلار بۇيىچە، ئەگەر بىر دۆلەت قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئەسلى يۇرتىغا قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، شۇ دۆلەت ئۆز پۇقرالىرىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ سىياسىي پاناھلىق سىياسىتىدىن نارازى بولغاچقا ئامېرىكىدىن قايتۇرۇلغان قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلماقتا. بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى خەلقئارا نىزام ۋە قائىدە - قانۇنلارغا خىلاپ، دەپ ئەيىبلىگەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا كۆچمەنلەر ئىدارىسى بىر خىتاي ئاشخانىسىدىن 12 قانۇنسىز خىتاي كۈچمەننى قولغا ئالدى
- رۇسىيەدە يەنە بىر خىتاي پۇقراسى ئۆلتۈرۈلدى
- يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتى زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكىگەن 6 خىتاينى قولغا ئالدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن موسكۋادىكى قاتىللىق دېلوسىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلدى
- سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ باش مىنىستىرى ئىستىپا بەردى