خىتاي ئامېرىكىدىكى قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئېلىپ كېتىشنى رەت قىلدى
2006.03.15
خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىغا قانۇنسىز كىرگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىش تەلىپىنى رەت قىلدى. نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن سەرپ قىلغان پۇلى 667 مىليون دوللارغا يەتكەن.
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى مىنىستىرى مايكېل چېرتوف سەيشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىغا قانۇنسىز كىرگەن 39 مىڭ خىتاي پۇقراسىنى قايتۇرىۋېلىشنى رەت قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆتكەن يىلى قايتۇرىۋېلىشقا ۋەدە بەرگەن خىتاي پۇقراسىنىڭ ئاران 800 كىشى بولغانلىقىنى ئېيتتى.
چېرتوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىر تۇرۇپ تۇرىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىغا كۈنىگە ھەر بىرى كىشى ئۈچۈن تەخمىنەن 95 دوللار سەرپ قىلىدىكەن. ئامېرىكا قانۇنىدا قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئاران 180 كۈن تۇتۇپ تۇرۇشقا يول قويۇلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئىدارىسى بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، "قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قويۇپ بېرىش" سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى پىلانلىماقتا. بۇنداق بولغاندا بۇ كۈندىن باشلاپ بارلىق قانۇنسىز كۆچمەنلەر تاكى تەۋە دۆلەتلەر ئۇلارنى قايتۇرىۋالغىچە تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە سولىنىدىكەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەر يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ خىتاي كۆچمەنلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىشكە دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆتكەنكى 5 يىلدىن بۇيان خىتاي ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئاران 2580 نەپەر قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنى قايتۇرىۋالغان. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇكرائىنىيەدە 90 نەپەر خىتاي پۇقراسى قولغا ئېلىندى
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى كۆچمەنلەرنى كونترول قىلىش قانۇنى ماقۇللىدى
- ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ھەققىدە تەھدىد سالغان بىر خىتاي قولغا ئېلىندى
- خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ روسىيىدە كۆپىيىشى ئەندىشىلەرنى قوزغىماقتا
- قەدىمىي يىپەك يولى نۆۋەتتە خىتاينىڭ كۆچمەن يۆتكەيدىغان يولىغا ئايلىنىپ قالدى