ئامېرىكا قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنى قايتۇرۇش مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلاي دەپ قالدى
2006.04.04
خىتاي قاتارلىق شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتىنى سەيشەنبە كۈنى ئاخىرلاشتۇرغان ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مايكىل چېرتوف، ئامېرىكىدىكى نەچچە مىڭلىغان قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنى دۆلىتىگەقايتۇرۇش مەسىلىسىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلاي، دەپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
چېرتوفنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقى رەت قىلىنغان 39000 قانۇنسىز خىتاي كۆچمىنى دۆلىتىگە قايتۇرۇلۇشنى كۈتمەكتە. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى ئېنىق ئەمەسلىكىنى باھانە قىلىپ، ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ كەلگەن.
مايكىل چېرتوفنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئەدلىيە ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان سىياسىي بىيۇرۇ دائىمىي ئەزاسى لو گەن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن مۇخبىرلارغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار " سۆھبەتتە يەتمەكچى بولغان مەقسىدىگە ئېرىشكەن ۋە قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنى دۆلىتىگە قايتۇرۇش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان". چېرتوفنىڭ ياردەمچىسى كېلىشىم لايىھىسىنىڭ تەپسىلاتلىرى ئۈستىدە داۋاملىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بېيجىڭدا قالدى.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ليۇ جيەنچاۋ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ "ئالدى بىلەن بىز قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ سالاھىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز كېرەك ۋە جۇڭگو شۇ بويىچە دۆلىتىگە قايتۇرۇلغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىدۇ " دېدى.
چېرتوف زىيارەت جەريانىدا خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ۋىزا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئامېرىكا 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي پۇقرالىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئامېرىكىدىكى قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئېلىپ كېتىشنى رەت قىلدى
- ئۇكرائىنىيەدە 90 نەپەر خىتاي پۇقراسى قولغا ئېلىندى
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى كۆچمەنلەرنى كونترول قىلىش قانۇنى ماقۇللىدى
- ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ھەققىدە تەھدىد سالغان بىر خىتاي قولغا ئېلىندى
- خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ روسىيىدە كۆپىيىشى ئەندىشىلەرنى قوزغىماقتا